تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

10 خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى قورساققا ماي يىغىلىش ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ

  كىلىماكتېرىيە مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەن ئېغىرلىقىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاشقان بەدەن ئېغىرلىقى قورساق ئەتراپىغا يىغىلىۋالىدۇ. كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدىن ئىلگىرى، كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە ۋە كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدىن كېيىن، ئانىلىق ھورمون تەركىبى تۆۋەنلەشكە باشلاپ، ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ، ئورۇقلاش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ، بولۇپمۇ قورساق قىسىمىنى ئورۇقلىتىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. قورساق قىسىمدىكى ماي كىشىنى زېرىكتۈرۈپلا قالماي، ئوبرازغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ساغلام ئەمەس.

  ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە، ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ قورساققا ماي يىغىلىپ قېلىشقا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق، لېكىن ئەمەلىيەت شۇنداق بولۇشى ناتايىن. ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشى قىزىش، ئوغرى تەر چىقىش ۋە كەيپىيات داۋالغۇشى كۆرۈلۈش دېگەندەك كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن تارازا شىكالا سانىنىڭ مۇقىم ئېشىش يۈزلىنىشىگە پاسسىپ ھالەتتە ماسلىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئامېرىكىدىكى بىر ساغلاملىق تور بېكىتى يېقىندا 10 خىل ئۇسۇلنى خۇلاسىلاپ چىققان بولۇپ، بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە قورساق قىسىمىغا يىغىلغان مايلارنى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

  1. كۆپ چېنىقىش، سىجىللىقىنى يۇقىرىراق قىلىش

  كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە ئاياللار يۇقىرى سىجىللىقتىكى چېنىقىش ئارقىلىق ئاشقان ماينى كۆيدۈرۈسە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى چېنىقىش ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر (سۇ ئۈزۈش، پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، يۈگۈرۈش)، ھەمدە قارشىلىق (ياكى كۈچ) قا تاقابىل تۇرۇش مەشىقى (كۆتۈرۈش، ئىتتىرىش ۋە تارتىش ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىدۇ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئارىلاپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

  2. شارائىت يار بەرسە ئولتۇرغاندىن ئۆرە تۇرغان ياخشى

  بەدەن ھەرىكەت ھالەتتە قانچە ئۇزۇن تۇرسا، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ كۆيۈشىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئۆرە تۇرۇش ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ كۆيۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، باشقا ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ پايدىلىق.

  3. ئۆزىنى تەڭشەپ يېمەكلىكنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش

  كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە ماددا ئالمىشىش ئاستىلايدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئاياللارنىڭ كۈندىلىك خورىتىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى نەچچە يۈز كىلوكالورىيە ئازلايدىكەن. ئاشخانىدا تاماق يېيىش ۋە سىرتتىن تاماق ئەكەلدۈرۈپ يېيىش قېتىم سانىنى ئازايتىش يېمەكلىك مىقدارىنى كونترول قىلىشتىكى ئاددىي ئۇسۇلدۇر، لېكىن تاماق يېيىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ناشتىلىقتا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇش، كەچلىك تاماق مايسىزراق بولۇش، چۈشلۈك تاماق نورمال بولۇش بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

  4. سۈپەتكە دىققەت قىلىپ، ساغلام ياغ ئىستېمال قىلىش

  ياغ يېمەكلىك تەمىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ، ياغنى يېمەكلىكتىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن چوقۇم ساغلام ياغ ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئەڭ ساغلام ياغ ئۆسۈملۈك (مەسىلەن، زەيتۇن ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە)تىن كېلىدۇ.

  5. سەل كۈچ سەرپ قىلىپ، تاماق يېيىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

  تاماقنى بەك كېيىن يېمەسلىك كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئورۇقلاش ئۈچۈن قىلغان بارلىق تىرىشچانلىق يوققا چىقىدۇ. ناشتىلىق بىلەن كەچلىك تاماق 8~12 سائەت ئىچىدە يېيىلىشى، باشقا ۋاقىتتا خالىغانچە نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

  6. ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەرنى سىناپ بېقىش

  بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈندىلىك چېنىقىشقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇرۇش چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلى ئىكەن. ھەرقانداق بىر خىل چېنىقىش ئەزەلدىن چېنىقمىغانغا قارىغاندا ياخشى، ئەمما ئەگەر بەدىنىڭىز ئادەتتىكى چېنىقىش ئۇسۇلىغا كۆنۈپ قالسا، قورساق قىسىمىدىكى ماينىڭ كۆيۈشى دەسلەپتە چېنىققاندىكىگە ئوخشاش ئۈنۈملۈك بولماي قالىدۇ.

  7. ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئارام ئېلىش

   يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇ كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە قورساق قىسمىغا ماي يىغىلىشنىڭ ئېشىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر ئۈنۈملۈك تەدبىر. شۇڭا كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە ئاياللار كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ دەرھال چىشىنى چوتكىلىۋەتسە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، خاتىرجەم ئۇخلاپ، سەمرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  8. ھەمراھتىن بىرنى تېپىپ، بىرلىكتە ئۈنۈملۈك چېنىقىش

  كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە قورساققا ماي يىغىلىشنىڭ ئارتىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەر ھەپتىدە 3-4 قېتىم ئوكسىگېنلىق چېنىقىش (مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئۇسسۇل ئويناش ياكى سۇ ئۈزۈش)قا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا 400 ~ 500 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىقنى خورايدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش ئۈچۈن، ئوخشاش مەقسەتلىك ھەمراھتىن بىرنى تېپىپ، ئورتاق چېنىقىدىغان كۈننى بېكىتسە بولىدۇ.

  9. بېسىمنى مۇۋاپىق يېنىكلەتكەندىمۇ ماينىڭ يىغىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ

  بېسىم جىددىيلەشتۈرگۈچى ھورمون كورتىزولىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ قورساق قىسىمىغا ئاسانلا ماي يىغىلىۋالىدۇ. بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى ئاياللار دالا ساياھىتىگە چىقىپ تەبىئىي مەنزىرىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسا، يۇگا ئويناپ ياكى خىيال سۈرۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن ھاراق، تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىشى كېرەك.

  10. ئالامىتى ئېغىر بولسا، مۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش

  ئەگەر ئانىلىق ھورمون كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن تىپىك كىلىماكتېرىيە دەۋرى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ھورمون ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ياكى باشقا دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى