تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ساياھەت يېتەكچىلىرى (چۈشەندۈرگۈچىلەر)نى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى يىلى» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئىكەن. تەربىيەلەش مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، ساياھەت يېتەكچىلىرى (چۈشەندۈرگۈچىلەر)نىڭ ساياھەتچىلىك كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى كەسپىي ئىقتىدارى ۋە چۈشەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىن كەلگەن ساياھەت يېتەكچىسى (چۈشەندۈرگۈچى)، مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) چۈشەندۈرگۈچىسى، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىراكتىكانىت ساياھەت يېتەكچىسى ۋە «قەشقەر لوڭقىسى» ساياھەت يېتەكچىلىرى مۇسابىقىسىدە تەكرار مۇسابىقىگە كىرگەن ماھىرلاردىن بولۇپ 230 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشقان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت يېتەكچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى جياڭجياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئېڭى، ئۆلچەم ئېڭى ۋە ماركا ئېڭىنى كۈچەيتىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك بويىچە ئەلا مۇلازىمەت ماركا ئوبرازى بەرپا قىلىنىپ، كەسىپلەر مۇلازىمەت ئاساسى پۇختىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىك كۈتۈۋېلىش جەريانىدىكى ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىك مەسىلىسى يېنىكلىتىلىپ، ساپاسى يۇقىرى، ئىقتىدارى كۈچلۈك، كەسىپكە ماھىر، ئىستىلى ياخشى بولغان ساياھەت كەسپىي خادىملار قوشۇنى بەرپا قىلىنىدىكەن.