تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شايار ناھىيەسىدە كىچىك كەچلىك بازار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»ىغا ئايلاندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گۇڭ شىجې، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ لياڭ): «كىچىك كەچلىك بازار 20 نەچچە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان ئۇلارنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، بەزى يايما ئورۇنلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ساپ كىرىمى 300 يۈەنگە يەتتى، ئەڭ ئازلىرىنىڭمۇ 80 يۈەن بولدى.» 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى يېڭى ئاۋات كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىن ئايۇپ كەنت ئاھالىلىرىگە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قىلىپ بەردى.

    تەيكاڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلغاندا، بۇ كەنتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئاز، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر تېرىشقا تايىنىپ قىلغان كىرىمىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مەسلىھەتلىشىپ كەنت كومىتېتى ئالدىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ بىر كىچىك كەچلىك بازار ئېچىشنى قارار قىلىپ، شۇ كەنتتىكى ئاشپەزلىك ماھارىتى بار كەنت ئاھالىلىرىنى كىچىك كەچلىك بازارغا بېرىپ سودا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئاخىرىدا، 23 قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسى كىچىك كەچلىك بازارغا بېرىپ يايما ئاچتى.

    خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىدا كىچىك كەچلىك بازار ئېچىلدى، بازاردا سېرىق ئاش، كاۋاپ، لەڭپۇڭ، ئاچچىق-چۈچۈك شورپا، كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ قاتارلىق ھەر خىل ئۇششاق يېمەكلىكلەر، تاماقلار تەل بولۇپ، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئىستېمال قىلىشقا جەلپ قىلدى. تۇرسۇن قۇربان تۇنجى بولۇپ كىچىك كەچلىك بازاردا يايما ئاچقان نامرات ئاھالە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى تۆت جان 4 مو يەر ۋە باقمىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، ئىككى بالىسى تېخى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، كۈنلىرى قىسىنچىلىقتا ئۆتەتتى. كاۋاپ پىشۇرۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تۇرسۇن قۇربان ھەر كۈنى 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا بېيىشقا نىسبەتەن ئۈمىد تۇغۇلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

    «كىچىك كەچلىك بازارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئاممىنىڭ كەچلىك تۇرمۇشى موللىشىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، كۆپلىگەن ئائىلىلەر <بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش>نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، بېيىش ئىشىكىنى ئاچىدىغان «ئالتۇن ئاچقۇچ» نى تاپتى» دېدى تەيكاڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى سۇ جيەنخاڭ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى