خەلق تورى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 2-ئايلىق پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. 2-ئايدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 489 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان.
2-ئايدا، كەسىپلەر بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 5 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 294 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 93 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا توك ئىشلىتىش مىقدارى 96 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشقان.
1-ئاي ۋە 2-ئايدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى جەمئىي 1 تىرىليون 106 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشقان. كەسىپلەر بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 11 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 705 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 199 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان؛ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا توك ئىشلىتىش مىقدارى 189 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان.