3-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ «بېيفاڭ» كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىدىكىلەر پىشۇرۇق پىشۇرۇشنى ئۆگەنمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ چاچ ياساش، گىرىم قىلىش، ئاشپەزلىك قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تېخنىكا تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ئېچىپ، 2018-يىلى جەمئىيەتكە 600 دىن كۆپرەك تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون كەسپىي مائارىپنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپلەر قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغان، شىنجاڭدا 90 دىن ئارتۇق كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى بار بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار ۋە ھەر يىلى ئوقۇشقا كېلىدىغانلارنىڭ سانى مۇقىم، سىجىل ئاشقان، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97 ئەتراپىدا بولغان.
ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ