تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلەشتى، تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6 بولىدۇ

  باش مۇخبىرلىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: خەيرلىك سەھەر، سۆيۈملۈك دوستۇم. بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

  بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان تېمپېراتۇرا كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئالدىنقى كۈنى ℃1.9، تۈنۈگۈن℃3.9 بولدى. ئوچۇق ھاۋادا كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، بۈگۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا داۋاملىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن. باشقا رايونلاردا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن.

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى