تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2019-يىللىق سۇدىرمان لوڭقىسى چەك تارتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى: دۇنيا پەيتوپ بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى گۇاڭشى نەننىڭدا 2019-يىللىق توتال سۇدىرمان لوڭقىسى دۇنيا پەيتوپ ئارىلاش كوللېكتىپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىپ گۇرۇپپىغا ئايرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ساھىبخان كوماندا جۇڭگو كوماندىسى، مالايشىيا كوماندىسى ۋە ھىندىستان كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۇدىرمان لوڭقىسى مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە نەننىڭدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 31 كوماندا 4 دەرىجىگە بۆلىنىدۇ، پەقەت بىرىنچى دەرىجىدىكى 12 كوماندىلا سۇدىرمان لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 

  چەك تارتىپ گۇرۇپپىغا ئايرىش ئارقىلىق، ياپونىيە كوماندىسى، تايلاند كوماندىسى، رۇسىيە كوماندىسى بىرىنچى دەرىجە ئايرىمىسى بويىچە A گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ھىندونېزىيە كوماندىسى، دانىيە كوماندىسى، ئېنگىلاند كوماندىسى B گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، جۇڭگو تەيبېي كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، جۇڭگو شياڭگاڭ كوماندىسى C گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، جۇڭگو كوماندىسى، مالايشىيا كوماندىسى، ھىندىستان كوماندىسى D گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن، بىرىنچى دەرىجىدىكى 4 گۇرۇپپا يەككە ئايلانما مۇسابىقىلىشىدۇ، ھەر قايسى گۇرۇپپىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قاتارىغا ئۆتكەن كوماندا گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسىدىن چىقىپ، 8 كۈچلۈكلەر شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، كورېيە كوماندىسى ئاۋستىرالىيەنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا سۇدىرمان لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوماندىسى بۇ تۈردە ئۇدا يەتتە قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. «بۇ يىل، كورېيە كوماندىسى كونا رىقابەتچىلىرى بولغان ياپونىيە كوماندىسى، ھىندونېزىيە كوماندىسى ۋە جۇڭگو كوماندىسى بىلەن كەسكىن رىقابەتنى كۈتۈۋالىدۇ. ساھىبخان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوماندىسىمۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ 11-لوڭقىسى ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتلىشىدۇ» دېدى، دۇنيا پەيتوپ بىرلەشمىسى مۇسابىقە ئىشلىرى باش نازارەتچىسى داررىن پاركىس، ئۇ يەنە مەيداننىڭ ھازىرلىنىپ بولغانلىقىنى، 8 كۈنلۈك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك پەيتوپ مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى