مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» تېمىسىدىكى 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەتىيازلىق يەرمەنكە»دەپ ئېلىنىدۇ) تۇرپان شەھەرلىك يارغول قەدىمقى شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە ئېچىلىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ ئەتىيازلىق ساياھەت يەرمەنكىسىدە «تۆت پەسىلدە گۈللەر ئېچىلدى • بەخىتلىك شىنجاڭ» ئاساسلىق تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، «گۈلنى ۋاستە قىلىش» ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى مۇنبىرى، «گۈل پەسلى ساياھىتى» مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە «ساياھەت+» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك باش تىمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، پائالىيەت 3-ئايدا باشلىنىپ 5-ئايدا ئاياقلىشىدىكەن، گۈل پەسلى ساياھىتى، ئىستىراھەت ساياھىتى، تەنتەربىيە ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق 342 تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.