3-ئاينىڭ 19-كۈنى، خاڭجوۋ شەھىرى شىخۇ رايونىنىڭ ۋىڭجياشەن تېغىدا، چاي ئۈزۈش ئىشچىلىرى چىنمىڭ بايرىمىدىن ئىلگىرى ئۈزىدىغان شىخۇ لۇڭجىڭ چېيىنى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشى بىلەن، بەزى رايونلار ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. چايچى دېھقانلار چايزارلىقىدا چاي ئۈزۈپ بازارنى تەمىنلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى شۈەنئېن ناھىيەسى جياۋيۈەن بازىرى شۈيتيەنبا كەنتىدىكى چايچى دېھقانلار چاي ئۈزمەكتە.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خۇنەن ئۆلكىسى ليۇياڭ شەھىرى چۈنكوۋ بازىرىدىكى چايزارلىق (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى جىنشى ناھىيەسى شيۇگۇ بازىرى شياۋكې كەنتىدىكى چايچى دېھقانلار ئەتىيازلىق چاي ئۈزمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).