تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 47- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 9- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 47- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 9- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت 9- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9- يىغىنىدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلىدۇ، ئۆگىنىلىدۇ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى)»، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىلىدۇ. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قايدۇ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ دەريا يولىنى باشقۇرۇش نىزامى>نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوتلاق باشقۇرۇش، قوغداش نىزامى>نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قارا كۆل مەنزىرە رايونىنى قوغداش، باشقۇرۇش نىزامى>نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» تەكشۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ. كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى