تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇردى، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جاسارىتى ۋە «كەشتە تىكىش» ماھارىتى بىلەن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش

ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇردى، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى

مۇخبىرلىرىمىز پەرىزات، خې لىڭ، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى خۇيلىڭ

  2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 537 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 513 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، ئۈچ نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57تىن %6.51كە تۆۋەنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە جىددىي پەيتكە كەلگەنسېرى جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىش، بىرلا غەيرەت بىلەن ئىشلەش ئىرادىسىگە شۇنچە كېلىش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جاسارىتى ۋە «كەشتە تىكىش» ماھارىتى بىلەن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەسسە قوشماقتا.

   «يەتتە بىر تۈركۈم» مۇھىم، زور تەدبىرى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

  «خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇقىم خىزمىتى بار بولدى، ئىككى بالىمىزنىمۇ بۇ يەردىكى يەسلىگە بەردۇق، مەن يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم...» دېدى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى شىنجاڭ رۇڭخۇي شەھەر ئېكولوگىيە مۇھىتى مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مىرادىل مەمەت خۇشال ھالدا. «مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن».

  يېقىنقى ئىككى يىلدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئالدىدا، قاراماي شەھىرى ئالدىن پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ مۇقىم تۇرۇشى، قېپقېلىشى، ياخشى ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى مىرادىلغا ئوخشاش 1777 ئەمگەكچى قارامايغا كېلىپ، بىر ئايغا يېقىن مەركەزلىك تەربىيەلىنىپ، كەينى - كەينىدىن ئىش ئورنىغا چىقىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  2018- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامرات ناھىيەلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن 75 مىڭ ئادەم تەشكىللىك، مۇقىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92كە يېتىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى.

  ئاپتونوم رايون «يەتتە بىر تۈركۈم» نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق يەتتە جەھەتتىن نامرات ئائىلىلەرگە ماس كېلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تېپىپ بەردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچىدى. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، يەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر زور بىر تۈركۈم نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جەھەتتە مەركەزلىك كۈچىدى؛ ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۈستۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

   «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش» ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

  3- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 11 دە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى تېتىر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زۇلپىيە ئەنۋەر ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئۆزى ئاچقان «تاتلىقىم» تاتلىق يېمەكلىكلەر دۇكىنىغا دەل ۋاقتىدا كېلىپ، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشقا باشلىدى.

  ئۇن جىڭلاش، تۇخۇم چېقىش... بىر سائەت ئالدىراش ئىشلەش ئارقىلىق مەززىلىك پۇرىقى تارىلىپ تۇرغان لېس - لېس ئىسسىق بولكىلار دۇخۇپكىدىن چىقتى.

  زۇلپىيە ئائىلىسىدىكى بەش جان ئادەمنىڭ ئون مو يېرى بار. ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2018- يىلى 5- ئايدا ئۇ ئاتۇش شەھىرىگە بېرىپ، پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەندى.

  «دۇكاننى ئاچقىنىمغا يېرىم يىل بولدى، 4000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم» دېدى زۇلپىيە، ھازىر ھاۋا ئىللىدى، خېرىدارلارمۇ كۆپەيدى، ئۇ پېچىنە - پىرەنىكلىرىنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتىدۇ.

  2018- يىلى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋە كەنتكىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرىنى تۇتقا قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 10 مىڭ 743 ئائىلىدىكى 45 مىڭ 996 ئادەم نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىگە يېتىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %100.8ى تاماملاندى.

  خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا تەۋە، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. 2018- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلارنى يۆلەش پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ نۇقتىدىن كۈچىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %22.28تىن %12.71كە تۆۋەنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئېغىر نامرات رايونلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۇنجى جېڭىدىلا غەلىبە قازاندى.

   ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى چۈنمېي كۆكتات كەسپى تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياڭ چۈنمېي بۇ يىللىق تېرىقچىلىق پىلانى بويىچە، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات ئۇرۇقلىرىنى قانداق تاللاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى بىر يىلدا ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشقا ياخشى يول ئاچتى، ياخشى قەدەم ئالدى.

  «چۈنمېي كۆكتات كەسپى تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەگىشىپ بىللە كۆكتات تېرىغاندىن بۇيان، كۆكتات يېيىشىمىز قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق» دېدى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى چۇڭقۇر بازىرى بورتۆبې كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سېرىكبەك ئاقات ھاياجانلانغان ھالدا. «تىرىشىپ ئىشلىسەملا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن».

  بورتۆبې كەنتىدە يەنە 23 نامرات ئائىلە چۈنمېي كۆكتات كەسپى تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن چوڭ ئېتىز كۆكتاتلىرى ئارقىلىق ھويلا - ئاران ئىگىلىكىگە تۈرتكە بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆكتات مايسىسى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، كۆكتاتلار پىشقاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ.

  چۈنمېي كۆكتات كەسپى تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنىڭ كارتىنىسى. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامرات ئائىلىلەرگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى.

  جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ قارجاۋ بازىرى قارا جىرا كەنتىدىكى چارۋىچى سېرىك تالاپقان كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن بىۋاسىتە نەپ ئالغۇچى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، مەن ئۆيۈمدىكى 60 نەچچە قوينى جېمىنەي ناھىيەسى يۈبوخۈي چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ، ھەربىر قويدىن 100 يۈەن ئەتراپىدا كۆپ كىرىم قىلدىم».

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون دىققەت نۇقتىسىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى، نىشان مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار، ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 606 مىڭ 100 ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى