تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى ساپالىق ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز

ــــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

  3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ سىستېمىلىرى ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىدىغان ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تايىنىشقا بولىدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شۆلى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجىغا ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، بۇنىڭدىن پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ھەسسىلەپ ھاياجانلاندى ۋە شەرەپ ھېس قىلدى. 2016- يىلى، بۇ مەكتەپ شىنجاڭدىكى كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە باشلامچىلىق بىلەن ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، تەسىس قىلغان مەخسۇس تېما شەكلىدىكى ئەخلاق تەربىيەسى پائالىيەت دەرسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەسپىي مەكتەپلەردە زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى. بۇ مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى لى يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە> بويىچە ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە بىلەن بىلىم سىستېمىسى تەربىيەسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمىز».

  «باش شۇجى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىلەرگە قاراشقا ماھىر بولۇپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا سىياسىي سەگەكلىكىنى ساقلىشى كېرەك دەپ تەلەپ قىلدى.» شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ليۇ يۈچيۇڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولىدىغان سىياسىي خىسلەتكە ئىگە بولۇپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن «بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرىدىغان، سۆز - ھەرىكىتى بىردەك بولغان» پەزىلەت بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلىگىلى بولىدۇ.

  «ئوقۇغۇچىلارغا نەزەرىيە ئىگىلىتىش ئەمەلىيەتتە ئانچە قىيىن ئەمەس، قىيىن بولغىنى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش.» خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۆ جىڭ: باش شۇجى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئۆگىنىش تەسىراتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دېدى. ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا «ئايلانما دەرسخانا» «مۇك دەرسى» ھەمدە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى مۇنازىرە مۇسابىقىسى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئوقۇش - ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

  «ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى ياخشى كۆرگەندىلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ. باش شۇجى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئالىيجاناب پەزىلەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، دۇرۇس ئادەم، ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئادەم بولىمەن.» بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك 1- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ مېڭدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنىڭ، ئادەم بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەربىر ئوقۇغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلاردا ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  «جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، بوشاشماي تىرىشىپ قۇدرەت تېپىش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش»تەك توغراق روھى تارىم داشۆسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مەنىۋى ئاساسى. تارىم داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاۋ گۇاڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويغان «ئالتىنى قىلىش» ئۆلچىمى بويىچە، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، توغراق روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى تارىم داشۆنىڭ بىرىنچى دەرسى قىلىمىز.

  «باش شۇجىنىڭ سۆزى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.» جياڭسۇدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەكتىپىمىز ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلدى، «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇش دەۋر بىزگە يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەت، بىزنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشكە ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار».

  (مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، جاۋ شىيا، ۋاڭ دۇڭ، جاڭ تىڭ، لى داۋجۇڭ، جاڭ جىلى، خې لىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى