تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

      ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسى، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇش سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۈستۈن بولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  «ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا، ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا». مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش جەھەتتىكى مۇھىم، زور رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، كەڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەشنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تاپشۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مەزمۇنلۇق، سەمىمىي بولۇپ، كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

  «ئىلىم ئەھلىنى تېپىش ئاسان، ھەقىقىي ئۇستاز بولالايدىغىنىنى تېپىش تەس.» پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، جايلار، تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ھەقىقىي ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى سىجىل زورىيىپ، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، ئومۇمىي ساپاسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ئىشەنچلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر، تايىنىشقا بولىدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى شەكىللەندى. كەڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قېتىرقىنىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە جەھەتتىكى تەلەپ بويىچە، سىياسىيدا كۈچلۈك، مۇھەببەتتە چوڭقۇر، تەپەككۇر يېڭى، نەزەر دائىرە كەڭ، تەلەپچان بولۇشتا قاتتىق، پەزىلەتتە دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ ئالتە جەھەتتىكى تەلەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى، شۇنداقلا ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى تىرىشىش نىشانى. شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، كەڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا سىياسىي سەگەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دەۋرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، ئىدىيەسىنى بېيىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا غايە - ئېتىقاد تىكلەشكە، توغرا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشكە ماھىر بولۇپ، كەڭ بىلىم نەزەر دائىرىسى، خەلقئارا نەزەر دائىرىسى، تارىخىي نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق بەزى داۋلىلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئېنىق سۆزلەپ، دەرستە ۋە دەرستىن چۈشكەندە بىردەك بولۇش، توردا ۋە تور سىرتىدا بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىشنىڭ، ئادەم بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئادەملەردىن بولغاندىلا، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئالالايدۇ.

  «سۇ چوڭقۇر يىغىلمىسا، كېمىنى لەيلىتىشكە كۈچى يەتمەيدۇ.» تەلىم بەرگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزى تەلىمنى چۈشىنىشى، تەلىمگە ئىشىنىشى كېرەك، ئادەم تەربىيەلىگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزى تەربىيە ئېلىشى كېرەك. چوڭ مەنزىل، يۈكسەك قەلب ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قوغلاشقان ۋە بېكىتكەندىلا، ئوقۇغۇچىلارغا خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى، ئۇلارنى كىشىلىك ھايات نىشانىغا يېتەكلىگىلى بولىدۇ. كەڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە جەھەتتىكى تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئەخلاق ئارقىلىق دۇرۇس بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئىلىم تىكلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇپ، دەرس ئۆتۈش بىلەن ئادەم تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېغىزدا سۆزلەش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قېتىرقىنىپ سوراش بىلەن جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم ئەركىنلىكى بىلەن ئىلىمنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق، ئىجادچانلىقنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، ئالىيجاناب پەزىلەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ھەقىقەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چاقىرىق قىلىپ، پۇختا نەزەرىيە ئاساسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشى كېرەك.

  ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس. مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانىدا ئوقۇتقۇچى ئاساس. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن، ئۇستازلار توپلاشقان بولۇپ، ھەممىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، بىز جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى