تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 8- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 8- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. گو شېڭكۈن ئالدى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  گو شېڭكۈن سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىغا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىدىغان يېڭى مەنزىلگە ئاتلاندۇردى. ھەر دەرىجىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيەتلىرى كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنى پائال تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  گو شېڭكۈن مۇنداق بىلدۈردى: كەڭ قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەتنى قۇرغۇچىلار، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك قانۇنچىل ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىق دەۋر مۇساپىسىدە ئېسىل سەھىپىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، چېن شى، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، ۋاڭ يۇڭچىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  7- نۆۋەتلىك جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم 7- نۆۋەتلىك كېڭىشىگە ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشى ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى 8- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.