تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئۇلانباي سۇلۇق يېرى بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كاڭ جېڭجۇڭ فوتوسى): پەسىل قۇشلىرىنىڭ يەنە شىمالغا قايتىدىغان مەزگىلى يېتىپ كەلدى، يېقىندا، ئۈرۈمچى ئۇلانباي سۇلۇق يېرى بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار سۇلۇق يەر ئاسمىنىدا گاھ لەرزان پەرۋاز قىلسا، گاھ يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزلارغا قونۇپ ئارام ئېلىپ، ئوزۇق ئىزدىدى.

  بۇ بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىنى كۆرگەن ھەم سۈرەتكە تارتىۋالغان شىنجاڭلىق قۇش فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارى كاڭ جېڭجۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۇ ئۇلانباي سۇلۇق يېرى ئەتراپىدا قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا، بۇ بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىنى بايقىغان. «كۈلرەڭ تۇرنىلار جەمئىي مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى كۆممىقوناقلىققا قونۇپ، ئوزۇق ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى، يەنە بىر قىسىم كۈلرەڭ تۇرنا سۇلۇق يەر ئاسمىنىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى.» كاڭ جېڭجۇڭ، بۇلتۇر 3- ئايدا، ئۇلانباي سۇلۇق يېرىدە بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنىنى سۈرەتكە تارتىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭمۇ مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، كۈلرەڭ تۇرنىلارنىڭ ئۇلانباي سۇلۇق يېرىدە بىر ئاي ئەتراپىدا تۇرۇپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا  ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۈلرەڭ تۇرنا دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، شىنجاڭدىكى تۆت خىل تۇرنا تۈرى ئىچىدىكى سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان بىر تۈر. ھەر يىلى باھاردىكى كۆچۈش پەسلىدە، شىنجاڭدىن ئۆتىدىغان كۈلرەڭ تۇرنا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى زەرەپشان دەرياسى ۋادىسى، ئۈرۈمچى ئۇلانباي ھاۋزىسى، تارىم دەرياسى يۇقىرى ئېقىنى تۈزلەڭلىكى قاتارلىق جايلاردا  «دەم ئالغان»دىن كېيىن، بىر قىسىم كۈلرەڭ تۇرنىلار شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قايدۇ دەرياسى ۋادىسى، بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرى قاتارلىق جايلاردا كۆپىيىدۇ. قىسمەن كۈلرەڭ تۇرنىلار داۋاملىق شىمالغا قايتىپ، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ كۆپىيىدۇ.

  كۈلرەڭ تۇرنا، چوڭ تىپتىكى لەيلەك ئاياغلىقلار ئۇرۇقدىشىغا تەۋە، كەڭ تۈزلەڭلىك، ئوتلاق، سازلىق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ، ئادەتتە بەشتىن 10 غىچە كىچىك توپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، كۆچۈش مەزگىلىدە بەزىدە 40-50ى بىر توپ بولىدۇ، قىشلايدىغان مەزگىلىدە، دائىم نەچچە يۈزى بىر توپ بولىدۇ. جۇڭگودا، كۈلرەڭ تۇرنىلار ئاساسلىقى شىنجاڭ بايىنبۇلاق، شۇنداقلا شەرقىي شىمال رايونىنىڭ غەربى ۋە  شىمالىدا كۆپىيىدۇ، ئاساسلىقى يۈننەن- گۈيجوۋ ئېگىزلىكى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قىشلايدۇ.

  ما مىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، زور تۈركۈم پەسىل قۇشلىرى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرى، ئۇلانباي سۇ ئامبىرى قاتارلىق جايلاردىن تۈركۈملەپ ئۆتىدۇ، ئۇلار بۇ جايلاردا «دەم ئالغان»دىن كېيىن، داۋاملىق شىمالغا كۆچىدۇ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرى 5- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بۇ مەزگىلدە يېقىن ئەتراپتىكى سۇلۇق يەرلەرگە بېرىپ قۇشلارنى تاماشا قىلسا بولىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى