باش مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئىللىق قۇياش نۇر چېچىپ، ئىللىق باھار سېزىمى ھەر يانغا تارالدى. شۇ كۈنى سائەت 13:00تە ئەمەلىي تېمپېراتۇرا ℃0 بولدى.
مۇخبىر كوچىلاردا ئۈچقۇلاق قاتارلىق باھاردىن خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاللىقاچان يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى، بىر قىسىم دەل-دەرەخلەرنىڭمۇ بىخ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى تولىمۇ غەلىتە بولدى: يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ سۇلار پارلانغان، ئەمما، ئاتموسفېرا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغاچقا قويۇق تۇمان ھاسىل بولدى؛ تۇرۇپ-تۇرۇپ كەچقۇرۇنلىرى قار گۈللىرى ئۇچقۇنداپ، كۈندۈزلىرى ھاۋا ئوچۇق بولدى. كىشىلەرگە ئۈرۈمچىدە قىشنىڭ كەتكۈسى يوقلا باھار ئۇنى قوغلاپ كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلدى.