تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سەھەردە خۇشال ئويغىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ئەپچىل چارىلەر

    تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر يىل ئىچىدىكى 267 كۈندە كىشىلەر ئۇيقۇدىن ئويغاندا قوڭغۇراقلىق سائەت بىلەن 18 مىنۇت «كۈرەش» قىلىدىكەن. كەچتە بالدۇر ئۇخلاشتىن سىرت، يەنە بەزى ئۇسۇللارمۇ سىزنىڭ سەھەردە بالدۇر ئويغىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
   كارىۋاتنىڭ سول تەرىپىدە ئۇخلاش
  كارىۋاتنىڭ سول تەرىپىدە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ خۇشال كەيپىيات دەرىجىسى كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەنلەرگە قارىغاندا %10 يۇقىرى بولىدىكەن. كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەنلەردە ئاسانلا چۈشكۈنلۈك كەيپىياتى پەيدا بولىدىكەن.

    سېرىق رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى كىيىش
   ئويغىنىپ تۇنجى بولۇپ كۆرگەن رەڭ ئويغانغاندىن كېيىنكى كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سېرىق رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى كىيىش، ياتاق ئۆيگە سېرىق رەڭلىك پەردە ئېسىش قاتارلىقلار سەھەردىكى كەيپىياتنىڭ خۇشال بولۇشىغا پايدىلىق.

   ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلىپ تەڭشەش
  سەھەردىكى كەيپىيات ئاۋاز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلغاندا، كەيپىيات تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ.
    بەش مىنۇت ھەرىكەت قىلىش
  سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن بەش مىنۇت ھەرىكەت قىلغاندا، ئامىنپولىفېنولىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ھورمۇننىڭ تىنچلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئاغرىق سېزىمىنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش
   ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى ئويغانغاندىن كېيىن سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا چوڭ مېڭە سەگەكلىشىپ، ھاردۇقنى چىقارغىلى، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    ئەتىگەنلىك تاماقتا قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش
    ئاق بولكىغا سېلىشتۇرغاندا، تازىلانغان گۈرۈچ، ئاق ئۇن، سۇلۇ يارمىسى، تاتلىقياڭيۇ، قارا ئاشلىقتىن ياسالغان بولكا قاتارلىق قارا ئاشلىقلار قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدىغان بولغاچقا، ئادەم زېھنىنى ئۇزاققىچە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ.


    خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

 ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى