شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ بېكىتكەن 2018 — 2020-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسىدە ئېنىقلىنىشىچە، نامرات نوپۇسلار ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىدىكى چوقۇم كاپاتلەندۈرۈلىدىغان كىشىلەر توپىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98.47 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.22 كە يېتىپ، ھەممە ئادەمنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
«بىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر نامرات رايون، ھەربىر نامرات ئاممىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېزا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن باۋپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ سىياسەت جەھەتتە نامرات كىشىلەرگە مايىل بولۇپ، 60 ياشقا توشقان، دۆلەت بېكىتكەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىپ باقمىغان نامرات كىشىلەرنى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا ھەر ئايدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تارقاتقان. 60 ياشتىن ئاشقان نامرات كىشىلەر ئىلگىرى تاپشۇرىدىغان پۇلى يوق تاپشۇرمىغان، ياكى ئۇلارنىڭ پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى 15 يىلغا يەتمىگەن بولسا، تولۇقلاپ تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن، بۇ يىلدىن باشلاپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بىۋاسىتە بەھرىمەن بولالايدىكەن.
نامرات كىشىلەر ئارىسىدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈنلەي قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىپ، نامرات كىشىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش بېسىمىنى يېنىكلەتكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات كىشىلەر ئارىسىدا، 833 مىڭ 900 كىشى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، 533 مىڭ 700 كىشى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان.
«بۇ يىل بىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرۇغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، 60 ياشتىن ئاشقان نامرات ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى چېن باۋپىڭ.