تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆز پېتى ئۆگىنىپ، تەكرار چوڭقۇر ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە «قاتتىق بولۇپ»، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «جىددىي بولۇپ»، پىكىر - تەكلىپ بېرىش، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە «ھەرىكەتكە كېلىپ»، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پائال ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جۈرئەت ئىمىن، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى