تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، 3- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا ئېچىلغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. يىغىن مەزگىلىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتى، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، كەسكىن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش روھى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە نىزام چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش - ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ياخشى يۈرگۈزۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قىلچە تەۋرەنمەي، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىشنى تەڭ تۇتۇش ۋە جىددىي ئېھتىياجلىقلىرىنى ئاۋۋال چىقىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نىزام چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك؛ نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق ئىستىلنى ياخشىلاپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن با دەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى