تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، قالتىس ئىرادە ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ قىلغان مۇھىم سۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە بېرىلگەن «سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى»، ياڭراتقان «ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى» بولۇپ، بىزنىڭ بىرلا غەيرەت قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان مۇستەھكەم ئىشەنچ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، ئەمەلىي ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئىشەنچنى، ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، قېپقالغىنىنىڭ ھەممىسى نامراتنىڭ نامرىتى، قىيىنىنىڭ قىيىنى، ھەممىسى يېڭىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق. بۇ دەل ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، بىرلا غەيرەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بوشاشماسلىق كېرەك. كۈچنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مۇجەسسەملەپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، تەدبىرنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ بوشاڭلىق قىلماسلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، ھەقىقىي تۇتۇپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش كېرەك. مەسىلىنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلانغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھادىسىلىرىنى چوڭقۇر تۈزەپ، قەتئىي ھالدا «ساختا شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ھېسابات شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «كۆرسەتكۈچ شەكلى»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «تۇراقسىز شەكىل»دىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. قەتئىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماي، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى زور كۆلەمدە يۆلەش ۋەزىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجى بىرلىكتە تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئورتاق تۇتۇش، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ماسلىشىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، داۋاملىق ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاسراپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.