تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش

ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەنى شەكىلۋازلىقتىن، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشقا يېتەكلىگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ شياۋشى، دىڭ شياۋشى، لىن خۈي

  ئىستىل مەسىلىسى خەلق رايىنىڭ مايىل بولۇش - بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2019- يىلىنى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  پۈتۈن جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىغان بۇ ئۇقتۇرۇش پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرى - تۆۋەننىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كادىرلارنى بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس قىلىش مۇقەررەر ھالدا كەڭ كادىرلارنى زېھنىنى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قارىتىپ، تىرىشىپ خەلققە يۈز كېلەلىگۈدەك يېڭى نەتىجە يارىتىش، جۇڭگو تەرەققىياتىدا يېڭى شانلىق سەھىپە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرىدۇ.

   بۇ، دەل جايىدا بولغان، مەردانە - جاراڭلىق ئېيتىلغان چوڭقۇر ئاگاھلاندۇرۇش

  «ئىز قالدۇرۇپ باشقۇرۇش» بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن «ئىز»غا ئەھمىيەت بېرىلىپ «نەتىجە»گە ئەھمىيەت بېرىلمىدى، «ئىز» قالدى، لېكىن «كۆڭۈل» قالمىدى؛ ھەر خىل نامدىكى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش تۈرى زىيادە كۆپ، قېتىم سانى زىيادە يۇقىرى بولدى، كۆپ تەرەپلىك تەكرارلاندى؛ «ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن دېڭىزى» قايتا باش كۆتۈردى...

  2018- يىلى 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالغان، نۇرغۇن زېھنىنى خوراتقان ھەم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا يانتاياق بولغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى دەل جايىدا كۆرسىتىپ بەردى.

  «بۇ خىل ھالەتنى جەزمەن ئۆزگەرتىش كېرەك» «كادىرلارنى بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس قىلىش كېرەك»... مەردانە - جاراڭلىق سۆزلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاھىل كېسەللەرنى يوقىتىشتەك قەتئىي ئىرادىسى ۋە كادىرلارغا كۆيۈنۈشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى تولۇق نامايان قىلىنغان.

  يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە. ئاساسىي قاتلام سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى.

  ئاساسىي قاتلام دۇچ كەلگەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق باش قېتىمچىلىقىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلىنىشىدىلا ماھىيىتىنى بىلدى، ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە بىلدى.

  «ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى كادىرلار ھەر خىل جەدۋەل تولدۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كېتىدۇ، ھەتتا كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا ۋاقتى يەتمەي قالىدۇ.» 2017- يىلى 6- ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك، بارلىق خىزمەتلەرنى نامرات ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، كۆرۈنۈشتە چىرايلىق، ئەمما ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلماسلىق، ئوشۇقچە ئىشلارنى قىلماسلىق، يۈزەكى ئىش قىلماسلىق كېرەك.

  قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ.

  شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق دېگەن نېمە؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەردى.

  ـــ شەكىلۋازلىقنىڭ ماھىيىتى سۇبيېكتىپچىلىق، مەنپەئەتپەرەسلىك، مەنبەسى سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولماسلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقى كەمچىل بولۇش بولۇپ، داغدۇغىلىق شەكىلنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى، پۇزۇر ۋە چىرايلىق سىرتقى قىياپەت ئارقىلىق زىددىيەت ۋە مەسىلىنى يوشۇردى.

  ـــ بىيۇروكراتلىقنىڭ ماھىيىتى فېئودال قالدۇق ئىدىيەنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى بولۇپ، مەنبەسى مەنسەپچىلىك ئىدىيەسى ئېغىر بولۇش، ھوقۇق قارىشى بۇرمىلىنىش، ئەمەلدار بولۇپ خوجايىن بولۇش، ئوقۇرىنى ئېگىز قىلىپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىبارەت.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ خەۋپىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئىستىلى بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايدۇ، ئۇ، بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ چوڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنى.» بۇ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ياڭراتتى.

  دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ توختىمىدى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئىستىل قۇرۇلۇشى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتى.

  2017- يىلى 12- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن بىر پارچە ماقالىسى توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى. ئۇ جايلار، تارماقلاردىن ئىپادىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەرقنى تېپىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇشنى، بولۇپمۇ ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش، قۇرۇق شوئار توۋلاش، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنى پۇختا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كادىرلارنى باشقۇرۇشتا تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تەشكىلنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش، ھەم يار - يۆلەك بولۇپ، ئىلھام بېرىپ، كۆيۈنۈپ، كەڭ قورساق بولۇپ، تەشكىلنىڭ ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  ھەم قاتتىق باشقۇردى ھەم كۆيۈندى، ھەم ئۆزى ئۈلگە بولدى ھەم يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى.

   بۇ، ئىستىلنى قاتتىق تۇتۇش، كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتىكى كۈچلۈك ئىرادە

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان تۈزەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، نىشاننى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى تۈرتكە بولۇشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ كونا ئىللەتلىرىنى نىشانلىغان بىر قاتار تەدبىرلەر كەينى - كەينىدىن يولغا قويۇلدى.

  يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرنى يېتەكلەپ، قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزدى −

  توپ ياۋاغاز ئېگىز ئۇچقاندا باشلامچى ياۋاغاز يېتەكلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلمايلا قالماي، يەنە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك».

  پارتىيە ئىچىدىكى «ھالقىلىق ئاز سانلىق»لاردىن باشلاپ تۇتۇش، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

  «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا بىر قاتار قاتتىق بەلگىلىمە، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «مەركەز قاتلىمىدىن باشلاپ، ھۆججەت ۋە يىغىنلارنى قاتلاممۇقاتلام زور كۆلەمدە ئىخچاملاپ، قىسقارتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىدىغان ھۆججەتلەرنى، ئېچىلىدىغان يىغىنلارنى %50- %30كىچە ئازايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» «مەركەز بېسىپ تارقاتقان سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن ئون بەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەرلىك ۋە تارماقلارمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن قاتتىق ئىگىلىشى كېرەك»...

  مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزەتتى −

  2018- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېيدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەقىقىي، ئەمەلىي، چىڭ بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تەكتىنى كۆرۈپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈپ، قىيىن مەسىلىلەر ئالدىدا تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك.

  2018- يىلى 9- ئايدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر» شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش، ساختا ئىش قىلىش قاتارلىق جاھىل كېسەللەرگە قارشى ئۆتكۈر شەمشەرنى قىنىدىن چىقاردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان چىنلىڭ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى شىئەن چېگراسى ئىچىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان داچا مەسىلىسى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتىكى تىپىك دېلو بولۇپ، بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىيەتچىل بولماي، كۆڭۈل بۆلمەي، تولۇق كۈچىمەي، شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىپ، بىيۇروكراتلىق قىلىپ، قىلىدىغاننى قىلمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  «ئاغرىق نۇقتىسى»نى ھەل قىلىپ، باغلاقنى بوشىتىشقا رىغبەتلەندۈردى −

  2018- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش «قوماندانلىق تايىقى»نىڭ رولى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇلدى، ئەمما تۈرى كۆپ بولۇش، قېتىم سانى زىيادە يۇقىرى بولۇش، كۆپ تەرەپلىك تەكرارلىنىش، ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئەمەلىي نەتىجىگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، يەرلىك ۋە ئاساسىي قاتلام يېتىشەلمەي قالدى، ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.

  مەسىلە تۆۋەندە ئەكس ئەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يىلتىزى يۇقىرىدا. بۇ ئۇقتۇرۇشتا نۆۋەتتىكى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش زىيادە كۆپ، زىيادە تەكرار بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، مەنبەدىن باشلاپ تۇتۇش تەكىتلىنىپ، ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش ۋە پىلانلىق باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئاغرىق نۇقتىسى»نى ھەل قىلىشنىڭ نېگىزى تۇتۇلدى.

  شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى تۈزەشتە كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىپلا قالماي، يەنە يېڭى بەلگە بايرىقى تىكلەش كېرەك.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «ئېتىقادتا مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تىرىشىپ ئىشلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، پاك - دۇرۇس بولۇش»تىن «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» «قەلبىدە پارتىيە بولۇش، قەلبىدە خەلق بولۇش، قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ئەيمىنىش بولۇش» قاتارلىقلارغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي تەلىم بېرىپ، رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشى كېرەك، دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

  2018- يىلى 5- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى روشەن تۇرغۇزۇشنى تەكىتلەپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان كادىرلارغا يۆلەنچۈك بولۇپ، مەدەت بېرىپ، كەڭ كادىرلارنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش، شەكىللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

   بۇ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق چارە

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر 2020- يىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، بۇ دەل ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، جەزمەن خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچە ئاخىرقى پەيتكە بارغانسېرى، شۇنچە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق چارە قوللىنىش كېرەك. جۇڭگوغا نەزەر تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك.

  بەزى جايلار تەدبىر چىقىرىپ «ئاددىيلاشتۇرۇش» «بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇردى؛ بەزى جايلار كەسىپ، تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش جەريانىدىكى ئىستىل مەسىلىسىنى چىڭ نىشانلاپ، دائىملىق نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى...

  بۇ يالغۇز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشلا ئەمەس.

  بۇ يىل 2- ئايدا، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشقا دائىر 21 تەدبىرنى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويدى. ئەنخۈي، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق جايلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللاندى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ پاراخوتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يېڭى يۈرۈش بەلگىسى تىكلەپ بەردى. ياخشى تەدبىر، ياخشى پىلان بار بولدى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

  2017- يىلى 12- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور دەرىجىدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلىشى، قۇرۇق گەپتىن قاتتىق ساقلىنىشى، دەل جايىدا كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كىبىرنى تاشلاپ، كەمتەر بولۇپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، تۆۋەننىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، خەلقنىڭ ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، خەلق كۆڭۈل بۆلگەنگە چىن ھېسسىياتى بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

  يۇقىرىدىكىلەر ھەرىكەتكە كەلدى، تۆۋەندە ئۈنۈم كۆرۈلدى، يۇقىرى - تۆۋەن قەلبداش بولدى.

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋەزىپىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تۇتۇپ، سىياسەتنى يانداشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئورۇنداشقا تىرىشىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يېڭى بۇرچ يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك.

  «زىددىيەت ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، كىرىزىس ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، سەۋەنلىك ئالدىدا دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىياتقا قارشى دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش» «قوزغىلىپلا ھەرىكەت قىلالايدىغان ھەرىكەتچىلەردىن بولۇش، ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق تەلىمات سۆزلەيدىغان پاراڭچىلاردىن بولماسلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان كۈرەشچىلەردىن بولۇش، بوران - چاپقۇننى كۆرسىلا قورقىدىغان لاي بۇتساتۋالاردىن بولماسلىق كېرەك»... بۇ يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى بىلىش - مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، پارتىيەگە بولغان ساداقىتى، خەلققە بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى ئىزھار قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  كادىرلارنى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولۇشقا قوزغىتىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

  «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۈچنى ئايرىش» تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا كۆرۈلگەن سەۋەنلىكى، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرى ۋە تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغانلارغا مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇل بولغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش كېرەك.

  2019- يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان كادىرلارنى تېخىمۇ غەيرەتكە كەلتۈرۈشىمىز، ئۈمىدكە تولدۇرۇشىمىز كېرەك.» ئىللىق غەمخورلۇق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاچقۇچلۇق پەيتتە تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، پۇختا ئىش قىلىپ، نەتىجە ياراتتى، بىز جەزمەن كەينى - كەينىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز يېپيېڭى سەھىپە پۈتىمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى