يېقىندا، تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ئىلىم- پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلاپ قىلىپ، بالىلار كىچىكىدە زور بېسىمغا ئۇچرىسا، بۇ ئۇلارنىڭ چىشىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىدا ئەكس ئېتىدۇ، دېدى.
كالىفورنىيە داشۆسى سان فرانسىسكو تارماق مەكتىپىنىڭ ساغلاملىق پىسىخولوگى بويس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بالىلار ئۇچرىغان بېسىم قانچە زور بولسا، چىشىنىڭ ھەر قايسى قەۋەت توقۇلمىلىرى، مەسىلەن ئېمال ماددىسى قاتارلىقلار شۇنچە نېپىز، زىچلىقىمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ.
بويس قاتارلىق ئالىملار رىياسەتچىلىك قىلغان «بىر ئەۋلاد كىشىلەر ۋە ساغلاملىق تەتقىقاتى» 2003- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا سان فرانسىسكو قولتۇق رايونىدىكى 350 ئائىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ چۈشۈپ كەتكەن سۈت چىشلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، يۈزى، ھەجىمى، رەڭگى ۋە سىرتقى پوستىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى خاتىرىلىگەن.
ئۇلار بايقىغان ئالامەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، دىققىتىنى يىغالماسلىق، جىم تۇرالماسلىق ياكى ئىجىتىمائىي ئالاقىسى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كسەللەرگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ چىش ئېمال ماددىسى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن بىر قەدەر نېپىز، چىش يىلىكىمۇ بىر قەدەر كىچىك بولىدىكەن.
بويىس مۇنداق دېدى: بۇنداق چىشنى ئوڭايلا قۇرت يەيدۇ. چۈشۈپ كەتكەن چىشنىڭ ئۈزۈلمە قاتلىمىنى سىكانېرلىغاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاتالمىش بېسىم مەكتەپتىكى دەرسلەردىن كېلىپلا قالماي، يەنە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشى، ھەددىدىن زىيادە شاۋقۇن- سۈرەن ياكى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن دەخلى- تەرۇزغا ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئادەم بەدىنى زىيادە كۆپ بېسىمغا ئۇچرىغاندا بېسىم ھورمۇنى كورتىسولى ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. بويس مۇنداق دېدى: ئالاھىدە پەيتتە، قان سۇيۇقلۇقى ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدىن كورتىسولنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:«بىزنىڭ ھەقىقىي بىلمەكچى بولغىنىمىز بەدەندىكى كورتىسولنىڭ قويۇقلۇقى بولماستىن، بەلكى ئومۇمىي مىقدارى.» چىش دەل بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. تەتقىقاتتا، بېسىم ھورمۇنى چىشنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالدى.
روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دۇن، چىش بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى دېگەندەك مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، دەپ قارىدى.
دۇن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن روھىي كېسەللىكلەر گېن سەۋەبىدىن پەيدا بولماستىن، بەلكى كېيىنكى كەچمىش، بولۇپمۇ بالىلىق دەۋرىدىكى كەچۈرمىش تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ، بېسىم دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى بىر سەۋەب. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلىق دەۋرىدە بېسىمغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ كېيىن ئازاپقا ئۇچراشتىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك، مەيۈسلۈك كېسىلى ياكى يېمەك- ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشتىن قىينىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى