تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ بۆلجۈرگەن بازىسى قۇرۇلدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى بەيياڭخې يېزىسى بەيياڭخې كەنتىدىكى بۆلجۈرگەن تېرىش بازىسىدا، 50 ياشلىق دېھقان لۇ خەيچۈەن بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قار-مۇزلار ئېرىدى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئائىلىسى بويىچە شەھەر ئەتراپىغا باھار سەيلىسى قىلىشقا، كۆكتات-مېۋىلەرنى ئۈزۈشكە باردى، بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بازىسىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  لۇ خەيچۈەننىڭ بۆلجۈرگەن تېرىش بازىسى 380 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ بېشىدا قۇرۇلغان، بۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بۆلجۈرگەن تېرىش ۋە مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بازىدا 20 خىلدىن ئارتۇق بۆلجۈرگەن بولۇپ، ھەممىسى ھەسەل ھەرىسى بىلەن چاڭلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا بۇ بازىدا ئورگانىك تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  بەيياڭخې كەنتى تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن بولۇشتەك تەتۈر مۆتىدىل بەلباغ كىلىماتى بۇ جاينى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماسلاشتۇرغان، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى بۇ جاينى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگىلىك كەنت قىلىپ بېكىتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بۆلجۈرگەن بازىسىدا قىشتىن يازغىچە بۆلجۈرگەن پىشىدۇ. لۇ خەيچۈەننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، بۆلجۈرگەن سېتىش ئەندىزىسى ئۈزۈش+ زاكاز بولۇپ، تەمىنات ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن.

  بۇلتۇر، لۇ خەيچۈەن يەنە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ دېھقانلارنى بۆلجۈرگەن تېرىشقا يېتەكلەپ، 40 كەنت ئاھالىسىنىڭ بىرلىكتە باي بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.

  بۆلجۈرگەن ئېتىزلىقىدا، لۇ خەيچۈەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن تەشۋىقات ماتېرىيالىنى كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ ماتېرىيالدىكى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتۇر» دېگەن مەزمۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى، يەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەڭ كۆلەمدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر ئادەم كۆپچىلىكنى باي بولۇشقا يېتەكلىگەندە، يېزا-كەنت گۈللىنىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى