تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ 38 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا مەركەزلىك ئىش باشلاندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن ۋېنجۈن): 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ 38 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى خانئېرىق بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مائارىپ-سەھىيە، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇلارغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 1 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يەتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ ناھىيە 106 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 3 مىليارد 355 مىليون يۈەن بولغان، چېتىلىدىغان تۈرلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدىگەن بولۇپ، مائارىپ-سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، بىخەتەر سۇ ئىچىش، مۇھىت تۈزەش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن، بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە ئىش باشلانغان 38 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 430 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرى «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»، «بەش بىر تۈركۈم» ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ئون چوڭ قۇرۇلۇشى»، «بەشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» تەلىپى بويىچە، ئەتراپلىق تەشكىللىنىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇش باشلانغان. بۇ تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 64 ئېغىر نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 6603 ئائىلىدىكى 26 مىڭ 65 كىشىنى مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، كەسىپلەر تەرەققىياتى ھەمدە بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىپ تاشلىشى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىنىدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى