تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ناننىڭ خۇش ھىدى بوستانلىققا تارىدى

يۈسۈپ تاپخان تونۇرغا ئوت سالماقتا (1-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

   نان، يىپەك يولى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. شىنجاڭدىكى بوستانلىقلار ئىچىدە، ئۇ كىشىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىنى ئويغىتىدۇ، ئۇنىڭدىكى بۇغداينىڭ خۇش ھىدىمۇ بىر كۈنلۈك بەختلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشىدۇر. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىدىكى شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى شورلۇق يەردىن بايلىق يولىنى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن 38 ھەسسە قاتلاندى. داشى كەنتى نان يېقىش بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، ئالاھىدە كىلىمات شارائىتىغا نان يېقىشتەك ساپ ھۈنەر قوشۇلۇپ، بۇ يەرنىڭ نېنى بازار تاپتى. لوپنور ناھىيەسىنىڭ داشى كەنتىنى سەيلە قىلغاندا، رەڭدار چىتلاق قورۇلار، رەتلىك كاھىشلىق ئۆيلەردىن باشقا، كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى پۈتۈن كوچىنى بىر ئالغان ناننىڭ خۇش ھىدىدۇر. بۇ ھىدقا ئەگىشىپ ماڭغاندا، يۈسۈپ تاپخاننىڭ ئايالى بىلەن ئۆيىدە كىچىك توقاچ يېقىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.  سەھەر سائەت يەتتە يېرىمدا، داشى كەنتىدە تېخى تاڭ يورۇمىغانىدى، لېكىن يۈسۈپ تاپخاننىڭ ئالدىراشلىقى باشلاندى. ئۇ ياققان نانلىرىنىڭ خېمىرى چىڭ بولۇشى ئۈچۈن، خېمىرنى قولدا يۇغۇراتتى.  مايدىن ئۆتكۈزۈلگەن پىياز، كۈنجۈت، سېرىق ماي ۋە سۈت قوشۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىر زۇگۇل قىلىپ ئۈزۈلۈپ، ئېچىلغاندىن كېيىن، چەككۈچتە ناننىڭ ئوتتۇرىغا چېكىلگەندە، ئاساسى جەھەتتىن تەييارلانغان بولىدۇ. يۈسۈپ ئايالى بىلەن بىللە كىچىك توقاچلارنى رەتلىك تىزىپ، تونۇرنىڭ قېشىغا ماڭدى، نەچچە قېتىملىق ئوتۇن سېلىش، تۇز سۈيى چېچىش، تېمپېراتۇرىنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، تونۇر نان يېقىشقا تەييار بولدى. ھۆرنىساخان رېھىم رەتلىك تىزىلغان توقاچلارنى ئېلىپ، يولدىشىغا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن تونۇرنىڭ بېشىغا كەلدى. تونۇر ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، يۈسۈپ تونۇرغا بەكرەك ئېڭىشكەندە، ئاندىن ناننى ياقالايتتى. نەچچە ئون يىللىق ئۆزئارا ماسلىشىش جەريانىدا، يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرمىسىمۇ ئايالى سۇنغان ناننى بىمالال ئالالايتى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، يۈسۈپ بىر ئائىلىلىكلەر دۇكان ئېچىپ نان يېقىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، 2016-يىلىدىن باشلاپ، يۈسۈپ نان يېقىش قېتىم سانىنى نەچچە يىل بۇرۇنقى ئەتىگەندىن كەچكىچە تۆت قېتىم نان يېقىشنى ھازىرقى كۈنىگە ئىككى قېتىم  نان يېقىشقا ئۆزگەرتتى. ئۇ ئائىلىدە زېھنىنى بىر تەرەپتىن بالىلىرىغا قاراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ناننى پارچە سېتىشقا قاراتتى. دەسلەپتە، يۈسۈپنىڭ ياغقان توقىچى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىدا پارچە سېتىلدى. نان يېيىشلىك بولغاچقا، خېرىدارلارمۇ تېلېفون ئۇرۇپ ناننى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى، ئەر-ئايال ئىككىيلەن بۇ ئىش ئۈچۈن ئاز باش قاتۇرمىدى. 2017-يىلى، لوپنۇر ناھىيەسىدە نان جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش ناۋايلىق ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ پايدىغا ئېرىشتۈردى.  شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ تاپخان  ئائىلىسى ئەڭ دەسلەپتە بۇ جەمئىيەتكە قاتناشتى. ئەتىگەن ۋە كەچتە كۈندە ئىككى تونۇر  50 كىلوگرام ئەتراپىدا توقاچ يېقىش، بىر ئائىلىنى 500يۈەن ساپ پايدىغا ئىگە قىلدى. بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، بىر تۇتاش سېتىشتەك نان جەمئىيىتىنىڭ  مۇقىم يولى يۈسۈپ ۋە ئايالىنى ياشانغاندا «ئىشقا ئورۇنلىشىش» خوشاللىقىغا چۆمدۈردى. يۈسۈپكە ئوخشاش بۇنداق قابىلىيەتلىك كىشىلەر داشى كەنتىدە ئىنتايىن كۆپ. تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى «داشى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى»غا مەبلەغ سېلىپ، ھەر مىللەت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى جەم قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، تاماق، ياتاق بىرلەشتۈرۈلگەن دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ چىقىپ، داشى كەنتىنىڭ ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇردى.

يۈسۈپ تاپخان بايىلا راسلانغان نان خېمىرىنى ئېلىپ، تونۇرغا يېقىشقا تەييارلىق قىلماقتا (1-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، يۈسۈپ تاپخان (ئوتتۇرىدا) كىچىك نەۋرە قىزى مۇنىسە (سولدا)، چوڭ نەۋرە قىزى ئالىيە بىلەن بىللە ئوينىماقتا (1-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يۈسۈپ تاپخان كىچىك ماي توقاچ ياقماقتا (1-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يۈسۈپ تاپخان ئۆزىنىڭ تونۇرى ئالدىدا تۇرماقتا، تونۇردا پىشىۋاتقان كىچىك مايلىق توقاچلار (1-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يۈسۈپ تاپخان ئارتۇق ئوتنى تونۇردىن ئېلىپ چىقتى (1-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

سەھەردە، يۈسۈپ تاپخان تونۇردىكى ئوتنى كۈزەتمەكتە (1-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) . تونۇرنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، تونۇردىكى ئوت ئەزەلدىن ئۆچۈرۈلمەيدۇ.

يۈسۈپ تاپخان جۈزە سۈيى قوشۇپ يېقىلغان مېۋە ناننى كۆرسەتمەكتە (1-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) . ھازىر بۇ خىل نان بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى