چېن ۋېي (ئارقا رەت سولدا) بىلەن خۇاڭ شياۋچىڭ (ئارقا رەت ئوڭدا) مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئەنخۇي ئۆلكىسى يۆشى ناھىيەسى چىڭتيەن يېزىسى لاۋيا كەنتىدىكى شاڭخەي مېتېئورولوگىيە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدە، «90-يىللاردا تۇغۇلغان» چېن ۋېي بىلەن ئايالى خۇاڭ شياۋچىڭ تاغ ئىچكىرىسىدە يىلتىز تارتىپ، تاغدىكى بالىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىدى. چېن ۋېي بىلەن خۇاڭ شياۋچىڭنىڭ يۇرتى ئەنخۇي ئۆلكىسى خۈەينىڭ ناھىيەسى شياۋشى بازىرىدا بولۇپ، 2017-يىلى، ئۇلار ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق لاۋيا كەنتىدىكى شاڭخەي مېتېئورولوگىيە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، شۇنىڭدىن باشلاپ مەكتەپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بولۇپ، ياتاق-تامىقىنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە بولدى. ھازىر، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككى قىزىمۇ يېنىدا بولۇپ، دەرس ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدا چېن ۋېينىڭ ئاپىسى ياردەملىشىپ بالىلارغا قارىشىپ بېرىدۇ. لاۋيا كەنتى شاڭخەي مېتېئورولوگىيە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدە پەقەت يەتتە ئوقۇتقۇچى بار، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي پەنگە ئۆزلىرى مەسئۇل بولغاندىن سىرت، يەنە قوشۇمچە مۇزىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتىدۇ. چېن ۋېي مۇخبىرغا تاغلىق رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «كۈندە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولۇش ھەقىقەتەنمۇ بەك كۆڭۈللۈك ئىش» دېدى خۇاڭ شياۋچىڭ.
چېن ۋېي (ئوڭدا) ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
خۇاڭ شياۋچىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇزىكا دەرسى ئۆتمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
خۇاڭ شياۋچىڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە دەرسى ئۆتمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، چېن ۋېي (ئارقا رەت ئوڭدا) بىلەن خۇاڭ شياۋچىڭ (ئالدى رەت ئوڭدا) ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ماڭغاچ پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
خۇاڭ شياۋچىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بارماق تىلى ناخشىسى ئۆگەتمەكتە. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
خۇاڭ شياۋچىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا ئويۇن ئوينىماقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان)
چېن ۋېي (ئوڭدىن 1-كىشى) ۋە ئايالى، قىزى مەكتەپتىكى ياتاقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
خۇاڭ شياۋچىڭ ئىككى قىزى بىلەن مەكتەپتىكى ياتاقتا. (3-ئاينىڭ 15-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)