مۇخبىرىمىز لىيۇ يىمىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سۈن جېنسۇڭ فوتوسى،خەۋىرى: بىيەن، بىيەن، بىيەن ...... جاراڭلىق مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سىچۈەن تىياتىرى «بىيەنلىيەن» ئويۇنى ئۇستىسى ئۇچىسىغا رەڭدار «جەنپاۋ» كىيىپ نامايەندە بولدى. قىزىل، ئاق، قارا، ئارتىسنىڭ يۈزىدىكى نىقاب ئارقا-ئارقىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرگەچكە، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدى، مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دۇڭمېن تارماق رايونى چىيەنجىن غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيەلىك كادىرلار، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار ۋە تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ «جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ،سىچۈەن تىياتىرى <بىيەنلىيەن> ئويۇنىدىن نەق مەيداندا ھوزۇرلىنىش» ۋە قەغەز قىيش، كەشتە تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇردى.
مەھەللە ئاھالىسى نەفىسە يۈسۈپ مۇنداق دېدى: « مېنىڭ <بىيەنلىيەن> ئويۇنىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈشۈم، نېمىدېگەن سىرلىق! بۇنىڭدىن كېيىن، مەن جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش پىدائىيلىرىدىن بولىمەن.»