تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسىدە «بەش لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش»ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ «3-ئاينىڭ 15-كۈنى» خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق مەنپەئەت كۈنىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسىدە «بىر نومۇرنى سىرتقا ئېچىۋىتىش، بەش لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقى، ئەسلىدىكى تۈرلۈك قىزىق لىنىيەلەردىكى ھەر خىل پاش قىلىش يوللىرى ۋە ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ بارا-بارا رەتلىنىدىغانلىقى، 12315 دىن ئىبارەت بىر نومۇرنىڭ سىرتقا ئېچىۋىتىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە پاش قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  «بىر نومۇرنى سىرتقا ئېچىۋىتىش، بەش لىنىيەنى بىرلەشتۈرۈش» دېگىنىمىز ئەسلىدىكى «سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش 12315»، «سۈپەت تەكشۈرۈش 12365»، «يىمەكلىك، دورا تەكشۈرۈش 12331»، «مال باھاسىنى تەكشۈرۈش 12358»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى 12330» دىن ئىبارەت بەش ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن «12315 قىزىق لىنىيە سۇپىسى» ئېچىپ، «12315» نومۇرىنى سىرتقا مۇلازىمەت قىلىشقا ئېچىۋىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىستىمالچىلارنىڭ تېلېفون ئۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلباھار ئەخمەتجاننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىستىمالچىلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىدا مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، 24 سائەتلىك قىزىق لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن، 12315 يۇمشاق دىتال سىستېمىسىنى تارماقلارغا ئايرىش، باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، بىجىرىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يەتتە كۈن ئىچىدە ئىستىمالچىلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ شياۋنىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىيىنكى قەدەمدە ئەرز قىلىش كاپالەت مېخانىزىمى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 12315 نىڭ سودا-ساراي، تاللا بازارلىرى، بازار، كارخانا، مەنزىرە رايونلىرى قاتارلىقلارغا كىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن، شەھەر يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي قاتلام ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تورى بەرپا قىلىنىپ، 12315 قىزىق لىنىيەسى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، دىلو تايانچ مەنبەسى سۇپىسى، ئۇچۇردىن پايدىلىنىش سۇپىسى ۋە قوماندانلىق قىلىش، تەڭشەش سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى