تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلغان دېھقانلار بۇ يىللىق تېرىقچىلىق ئۈستىدە پىلان قىلىۋاتقاندا، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكتوقا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى چېكىنبۇلاق يەم-خەشەك ئەترىتىدىكى كۆكتات پارنىكلىرىنىڭ ئىچى ياپيېشىل بولۇپ جانلىنىپ كەتتى.
بۇ يىلدىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەسپىي ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئەترەتتىكى ئالاھىدە پارنىك كۆكتاتلىرى كەسپىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، بالدۇر پىلان تۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق مايسىلارنى بالدۇر يېتىشتۈرۈشى، بالدۇر كۆچۈرۈپ تىكىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ھەمدە پارنىك تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ھەقسىز ئورگانىك ئوغۇت تارقىتىپ بەرگەن. نۆۋەتتە، ئوغۇت ئەترىتىدە ھازىر بار بولغان 51 كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش پارنىكىنىڭ ھەممىسىدە مايسا يېتىشتۈرۈش تاماملىنىپ بولغان، شۇنداقلا كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتى كەينى-كەينىدىن باشلانغان، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆچۈرۈپ تىكىش 15 كۈنگە يېقىن بالدۇر باشلانغان بولۇپ، كۆكتاتلارنىڭ بالدۇر بازارغا كىرىشى، كۆكتات سېتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىنغان.
كەنت ئاھالىسى دۈەن شۈنيېنىڭ كۆكتات پارنىكىدا پەمىدۇر، دۇجەر قاتارلىق 10 نەچچە خىل كۆكتات مايسىسى بولۇپ، گەرچە پارنىكتا كۆكتات تېرىغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىمى ئىزچىل ئۆزىنىڭ مۆلچەرىگە يەتمىگەن ئىدى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىنىڭ تېخنىكلىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭغا مايسا يېتىشتۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. «تېخنىك خادىملارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن كۆكتات تېرىقچىلىقىغا كۆپ ئىلىم كېتىدىغانلىقىنى بىلدىم، بۇ يىل مايسىلارنى بالدۇر يېتىشتۈرۈپ، تېخنىكا ئىگىلىدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆكتات تېرىقچىلىقىغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، بۇ يىل كىرىمىمنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن.» دېدى دۈەن شۈنيې.
«بۇلتۇردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇس قىلغان يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن يەم-خەشەك ئەترىتىدىكى دېھقانلارنىڭ كۆكتات توپ سېتىش باھاسى باشقا جايلاردىكى كۆكتاتلارغا قارىغاندا ھەر كىلوگىرامى 1~2 يۈەنگىچە يۇقىرى بولۇپ، ئەلا سۈپەتتە مەھسۇلات ئاشۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىغا بولغان ئاكتىپچانلىقى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز كەنت ئاھالىلىرىگە بولغان كۆكتات تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشىمىز.» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ يۈشيا. (بورتالا ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ماۋ گوفېڭ، جوۋ جۈنجيې، گۇ لەي تەمىنلىگەن)