بۇ تۇڭجوۋ دايۈنخې ئورمان باغچىسى ئەتراپىغا جايلاشقان بېيجىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزىدىكى ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇش نەق مەيدانى. (3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى، بېيجىڭدا 250 مىڭ مو يەرگە يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مىليون مولۇق ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى 230 مىڭ موغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە ئەتىيازلىق ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنىڭ %60 ى تاماملىنىدىكەن.