تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇدا غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

   يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېڭى ساقلاش قاچىسى ياكى يېڭى ساقلاش خالتىسىغا سېلىپ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ ساقلاش

يېمەكلىكلەر پۇرىقىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ساقلىغاندا، يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېڭى ساقلاش قاچىسى ياكى يېڭى ساقلاش خالتىسىغا سېلىپ ساقلاش كېرەك.

  مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ساقلاشتىن ئىلگىرى تاللاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش

كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇدا ساقلاشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن سولىشىپ قالغان، سېسىپ كەتكەن كونا يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇۋەتكەندە توڭلاتقۇنىڭ غەيرىي پۇراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان دېغىنى تازىلىۋېتىش

  گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان دېغى ئاسانلا باكتېرىيە ۋە غەيرىي پۇراق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى پاكىز يۇيۇپ قان دېغىنى تازىلىۋەتكەندىن كېيىن، يېڭى ساقلاش خالتىسىغا ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك.

  توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاش

  توڭلاتقۇدىكى يېمەكلىكلەر ۋە توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرغاندا توڭلاتقۇدا باكتېرىيە پەيدا بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. توڭلاتقۇنى تازىلىغاندا ئالدى بىلەن توڭلاتقۇنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، ھۆل لاتا ۋە مەخسۇس توڭلاتقۇ تازىلىغۇچتىن پايدىلىنىپ توڭلاتقۇنى تازىلاش كېرەك. توڭلاتقۇنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن توڭلاتقۇ ئىچىگە بىر قۇتا سودا قويۇپ قويساق، توڭلاتقۇ غەيرىي پۇراپ قالمايدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش