تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى توردا تەكشۈرەلەيدۇ

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى توردا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئېچىۋېتىلگەن. ئاھالىلەر داۋالاش ئاپپاراتى ياكى يان تېلېفون ئارقىلىق «ئاھالىلەر ساغلاملىقى APP» سى (居民健康APP)دا  شەخىسلەر ئاھالىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كارتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئورگان تورى (http://www.xjhfpc.gov.cn)نىڭ باش بەت سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى «شىنجاڭ داۋالاش خەلققە قولاي مۇلازىمەت سۇپىسى»نى چېكىپ، داۋالاش خەلققە قولاي سۇپىسىدىن «ساغلاملىق ئارخىپى»نى ئېچىپ، «شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى تەكشۈرۈش مەشغۇلات قوللانمىسى» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نومۇرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي ئىسىم بويىچە دەلىللىگەندىن كېيىن، ئاھالىلەر ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.
    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گو ۋېيجياڭنىڭ دېيىشىچە، شەخىسلەرگە يۈزلەنگەن ئاھالىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى توردا تەكشۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىكەن.
    ئاھالىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، 6~0 ياشقىچە بولغان بالىلار، 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شەخىسكە يۈزلەنگەن ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى ۋە بۇرۇنقى ساغلاملىق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى دوختۇرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش خاتىرىسى، كېسەل كۆرسىتىش خاتىرىسى قاتارلىق ھەرىكەتچان تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرگە قارىتىلغان ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئۆز ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشقا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى