تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي - قانۇن ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىگە، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجە - ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى، ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن سېپى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي - قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ - تەرتىپلىك، ئىناق - مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق ئۈچۈن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتى يارىتىش؛ يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان مېخانىزم ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن تاشقى تەلەپنى قوبۇل قىلىشنىڭ، قاتتىقلىق بىلەن ئەۋرىشىملىكنىڭ، ئۆزىنى تۈزەش بىلەن قەلبىنى تۈزەشنىڭ، ئادەم كۈچى بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، سىياسىي - قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سىياسىي - قانۇن ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، كۈچلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئۈنۈملۈك چەكلەيدىغان خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، سىياسىي - قانۇن ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق سىياسىي - قانۇن قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش؛ داۋاملىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامى قاتتىق، ھەرىكىتى قېلىپلاشقان، ئىستىلى ئەلا بولغان سىياسىي - قانۇن پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش؛ ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنىڭ قانۇن - سىياسەتلەردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، پەن - تېخنىكىنى قوللىنىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش، خىزمەت جەھەتتە مەدەت بېرىش، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈش، ئادىمىيەت جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار باشلامچىلىق بىلەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتلىرى، ھەرقايسى سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدا جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى، توغرا، بىردەك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

  ۋاڭ جۈنجېڭ خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئىدىيە، نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى توغرا ئىگىلەپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغان، قىلچە بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايون بويىچە تىنچ - ئامان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تىنچ - ئامان ناھىيە (شەھەر، رايون)، ئاپتونوم رايون بويىچە تىنچ - ئامان ناھىيە (شەھەر، رايون)، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تىنچ - ئامان يېزا - بازار(كوچا)لارغا ۋىۋىسكا بېرىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچىلار، قەھرىمان - نەمۇنىچى كوللېكتىپلار، ئىلغار شەخس (كوللېكتىپ)لەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ زۇڭدۈيى ۋە ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.