تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ خىل شەكىل قوللىنىپ سۆزنىڭ روھىنى ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرغا تېز يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تېگىگە يېتىش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادرونى قوغداش، مەركىزىي خىزمەتكە مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېر ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكتىكى ئاساسىي ماھارەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، پىكىر - تەكلىپ ۋە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، تىرىشىپ كۈچى بار، سالمىقى بار بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك چارە - ئەقىل كۆرسىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا توپلاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىتتىپاقلىق - دوستلۇق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ زور ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور چەكتە باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكلىپلەرنى ياخشىلاش، ساھەلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يېڭى دەۋر قەدىمىگە يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى