تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇشۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى» مۇھىم بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى. 2014- يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى» ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى» پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا، ئىلمىي ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىدە ئىزدىنىپ شەكىللەندۈرگەن ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار يېڭى سىياسەت، يېڭى قانۇن - نىزاملارنى تۇتاشتۇرۇپ، كادىرلار خىزمىتىدە كۆرۈلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، ئىلمىيلىشىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، قەتئىي ھالدا پىرىنسىپ بويىچە ئىش بېجىرىش، تۈزۈم بويىچە ئىش بېجىرىش، تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، «تۆت ئىشەنچ»ى قەتئىي بولغان، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك. قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش ئۆتكىلىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. ئالاقىدار يانداش تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش، ئىشنى بىلىش، ئادەمنى تونۇش، تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك ئەسقاتىدىغان، يۈرگۈزۈش قولايلىق بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈم - مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى»نىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  «كادىرلارنى تەيىنلەش نىزامى» جەمئىي 12 باب، 69 ماددا، 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى» شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.