تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يەرلىك تىرانسپورتنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ

    مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى: يىڭى بىر يىلدا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مال تىرانسپورتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىلگىرى مال مەنبەسى تارقاق، يىغىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ كۆلەملەشكەن تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە ئىچكىرى رايونلاردىكى كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ يۈك مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 82 ئىمپورت-ئېكسپورت كارخانىسى بىلەن ئىتتىپاقلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مال مەنبەسىنىڭ يىغىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەپ دېڭىزغا چىقىشى»نى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شىنجاڭنىڭ يەرلىك كارخانىلىرىنىڭ گۇرۇپپىلاپ، سەپلەپ توشۇشىغا ياردەم بېرىش ئاساسىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «يىغىپ قاچىلاش-يىغىپ توشۇش» تىرانسپورت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن يۈك ساندۇقىغا ئىلمەك قوشۇش ياكى چېتىپ قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇپ، پارچىنى پۈتۈنگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.

    يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى كەسپىي تور نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ، نېفىت تۇرۇبىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش تىرانسپورت كەسپىنى ئېچىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇشنى باشلاش نۇقتىسىنى ئۈرۈمچىدىن شىمالىي شىنجاڭدىكى باشقا جايلارغا ئۇزارتتى، 4-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى، قارامايدىن ئىبارەت ئىككى جايدىن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى قوزغىتىشنى پىلانلاپ، «كۆپ نۇقتىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تىرانسپورت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى