تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چەرچەن ناھىيەسى: كۆكتات تېرىش تېخنىكىسى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش يولى ئېچىلدى

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى زاغۇنلۇق كەنتىدىكى نۇرنىسا ئوسماننىڭ چىلانزارلىقىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭ ۋېيپىن كەنت ئاھالىلىرىگە كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، 120 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشتى.

  تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى تەدرىجىي باشلاندى. جاڭ ۋېيپىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاتنى ئۆلچەملىك تېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن،  ئۆزىنىڭ كۆكتات تېرىش تەجرىبىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگەتتى. ئۇ كۆكتات تۈرىنى قانداق تاللاش، قاچان قوشۇمچە ئوغۇتلاش، قانداق دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى.  ئارقىدىن كۆپچىلىك بىرلىكتە كەنت ئاھالىسى نۇرنىسا ئوسمانغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ ئىككى مو يېرىگە سامساق، چىڭسەي، شياۋبەيسەي، ئەتىيازلىق لوبو تېرىدى.

  «ئىشنىڭ بېشى باھاردىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك تېخنىكا كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەش بىلەن بىللە ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەردى، كېيىنكى باسقۇچتا، بىز ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشى تېخنىكىسى ۋە بازاردا سېتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان تۈرلۈك كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى باھادا سېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز.» دېدى كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى دىڭ جىيەنفىڭ. (بايىنغولىن ئوبلاستى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ شىنجۈن، لياڭ خاۋ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى