مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز چې جېي، گاۋ يۇڭشېڭ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭ خوتەندە يېڭىدىن ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدى. يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، يولۇچىلار جەنۇب ئاۋىياتسىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، خوتەندىن يولغا چىقىپ شىنجاڭنىڭ ئىچى سىرتىدىكى توققۇز شەھەرگە بارالايدۇ.
2019-يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىنىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە. جەنۇپ ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ.
3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى خوتەن ـــ ئۈرۈمچى ـــ گۇاڭجۇ لىنىيەسى، خوتەن ـــ كورلا ـــ چېڭدۇ لىنىيەسى ھەمدە قەشقەر ـــ خوتەن ـــ جېڭجۇ لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىش پىلانلانغان.
پەسىل ئالماشقاندىن كېيىن، خوتەندىن يولغا چىقىپ ھەرقايسى جايلارغا بارىدىغان لىنىيەنىڭ سانى يەتتىگە يېتىدىكەن، يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈچ لىنىيەدىن سىرت، يەنە خوتەن ـــ ئاقسۇ ـــ قەشقەر لىنىيەسى ، خوتەن ـــ ئۈرۈمچى لىنىيەسى، خوتەن ـــ ئۈرۈمچى ـــ تيەنجىن لىنىيەسى شۇنداقلا خوتەن ـــ ئۈرۈمچى ــــ شىئەن لىنىيەسى بار بولۇپ، تۇتىشىدىغان شەھەرلەرنىڭ سانى توققۇزغا يېتىدىكەن.