3-ئاينىڭ 15-كۈنى، پىدائىيلار ياشانغان كىشى لوۋ شىڭجىننىڭ ھۆددىگە ئالغان ئېتىزىدا ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى سىشى شەھىرىدىكى چيەنخەيجۈن پىدائىيلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلىرى چوڭشوۋ بازىرى خەييۈن كەنتىگە كېلىپ، 82 ياشلىق لوۋ شىڭجىننىڭ ھۆددىگە ئالغان ئېتىزىدا ئۇنىڭ كۆممىقوناق، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشىغا ياردەملەشتى، ھەمدە تۇپراقنى يۇمشىتىپ، ئېتىزىنى سۇغىرىپ بەردى. بۇ پىدائىيلار مۇلازىمەت مەركىزى يەنە لوۋ شىڭجىن بىلەن «مېھىر-مۇھەببەت ئېتىزى»نى خالىسانە تېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، زىرائەتلەر پىشىپ يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن خەير-ساخاۋەتلىك سېتىشتىن كىرگەن پايدىنىڭ ھەممىسى لوۋ شىڭجىننىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
لوۋ شىڭجىن خەييۈن كەنتىدىكى مېيىپ تۆۋەن كاپالەتلىك نوپۇس بولۇپ، ھۆددىگە ئالغان ئېتىزدىكى كۆكتاتلارنى سېتىشتىن قىلىنغان كىرىم ئۇنىڭ ئاساسلىق كىرىمى ھېسابلىناتتى. بۇ چيەنخەيجۈن پىدائىيلار مۇلازىمەت مەركىزىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلىرىنىڭ شۇ جايدىكى يېزا-كەنت تۆۋەن كاپالەتلىك، ھەرىكىتى قولايسىز ياشانغانلارغا قوشماقلىشىپ ياردەملىشىپ «مېھىر-مۇھەببەت ئېتىزى»دا ئىشلەۋاتقىنىنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى، پىدائىيلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق يېزا-كەنت تۆۋەن كاپالەتلىك ياشانغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ.
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، پىدائىيلار لوۋ شىڭجىننىڭ ھۆددىگە ئالغان ئېتىزىدا ئىشلىمەكتە. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان)