ھەممەيلەن ئاياللارنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈشى تۇغما بولىدۇ، سىرتقا چىققاندا چىرايلىق ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، دېيىشىدۇ، چىرايلىق زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، چىرايلىق ياسىنىۋالسا كەيپىياتمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. لېكىن نېمە ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بىمارلار زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىسا، ھەتتا پەرداز قىلسا بولمايدۇ؟
ئەسلىدە، ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئېلېكتروخىرورگىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، تاقىۋالغان زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى تېرىگە بىۋاسىتە تېگىشىپ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا باشقا ئورۇندىكى كۆيۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نېمە ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىنغاندا قاشتېشى بىلەيزۈكنىمۇ تاقاشقا بولمايدۇ؟
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ۋېنا تومۇرلىرى ئادەتتە قولدا بولىدۇ، بىلەيزۈك بەك چىڭ بولسا، ياكى ئوپېراتسىيە جەريانىدا پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار يۈز بېرىپ پۇت- قوللار ئىششىپ كەتسە، ناھايىتى ئوڭايلا قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا پۇت- قوللارنىڭ قان يېتىشمەسلىكتىن نېكروزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قاشتېشىنىڭ ماتېرىيالى بىر قەدەر چۈرۈك بولۇپ، ئاسان سۇنۇپ كېتىدۇ.
پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىمارنىڭ ئەسلىدىكى تېرە رەڭگى، كالپۇك رەڭگىنى توسۇۋالىدۇ، ئەگەر ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بەرسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە پايدىسىز. مەسىلەن، بىمار ئۇپا سۈركىۋالسا يۈز تېرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىدۇ، ئەگەر بىمارنىڭ يۈز قىسمىدا رېئاكسىيە ئەھۋالى كۆرۈلسە، دوختۇر دەل ۋاقتىدا بايقاپ، ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. ئوپېراتسىيە جەريانىدا دائىم كالپۇك رەڭگىگە ئاساسەن بىماردا ئوكسىگېن يېتىشكەن-يېتىشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەگەر كالپۇك رەڭگى كۆكىرىپ كەتسە بۇ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ناۋادا بىمار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈۋالسا، يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقىيالماي، دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا، ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان كۈنى چوقۇم پەرداز قىلماسلىق، زىننەت بۇيۇملىرىنىمۇ تاقىماسلىق كېرەك.