خەلق تورى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ، 2019-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى شېنجېندا ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا لوڭقىسى ئوبراز ئەلچىسى كوبى ۋە سەنئەتكار ياڭ چاۋيۆنىڭ چەك تارتىشى بىلەن، بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 32 كوماندا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. ساھىبخان دۆلەت جۇڭگو كوماندىسى بىلەن كوتېدىۋويرې، پولشا بىلەن ۋېنېسۇئېلا A گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە، چېخ بىلەن ياپونىيە E گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ.
گۇرۇپپىغا ئايرىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
A گۇرۇپپا: كوتىدى ئىۋۇئېر، پولشا، ۋېنېسۇئېلا، جۇڭگو
B گۇرۇپپا: رۇسىيە، ئارگېنتىنا، كورېيە، نىگېرىيە
C گۇرۇپپا: ئىسپانىيە، ئىران، پوئېرتورىكو، تۇنىس
D گۇرۇپپا: ئانگولا، فىلىپپىن، ئىتالىيە، سېربىيە
E گۇرۇپپا: تۈركىيە، چېخ، ئامېرىكا، ياپونىيە
F گۇرۇپپا: گىرېتسىيە، يېڭى زېلاندىيە، بىرازىلىيە، مونتېنېگرو
G گۇرۇپپا: دومىنىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىيوردانىيە
H گۇرۇپپا: كانادا، سېنېگال، لىتۋا، ئاۋستىرالىيە