تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قار-مۇز ساياھىتى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە كۈچ قوشتى

  ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى فۇنىكۇليور (缆车)غا ئولتۇرۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىدا قار تېيىلىشقا ماڭماقتا. (2-ئاينىڭ 7-كۈنى فوتوسى).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قار-مۇز ساياھىتىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ «تۆت پەسىل ساياھىتى» نىشانىغا قاراپ ئىلگىرلەپ، مول قىشلىق ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تەدرىجىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى. 2018-يىل قىش كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى قار-مۇز، مەدەنىيەت، مال سېتىۋېلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەر خىل قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆڭۈللۈك ئويناشقا جەلپ قىلدى. 2018-يىل 11-ئايدىن 2019-يىل 1-ئايغىچە، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 11 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاشتى.

  ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس كەنتىدە چانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چارۋىچىلار ساياھەتچىلەرنى چانىغا ئولتۇرغۇزۇپ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغۇزماقتا .(1-ئاينىڭ 11-كۈنى فوتوسى)

  ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازاردا كەچلىك بازارنى تاماشا قىلماقتا. (3-ئاينىڭ 3-كۈنى فوتوسى)

  شىنجاڭ قۇمقاناس يېزىسىدا شۇ جايدىكى ئامما «قارلىق دالىدا قىزقۇۋار» ئويۇنىنى كۆرسەتمەكتە .(1-ئاينىڭ 1-كۈنى فوتوسى)

  ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قاناس كۆلى بويىدا گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا. (1-ئاينىڭ 2-كۈنى فوتوسى).

  بىر قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. (2-ئاينىڭ 8-كۈنى فوتوسى)

  ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئاپتوموبىللار بىلەن لىق تولدى. (2-ئاينىڭ 8-كۈنى فوتوسى)

  شىنجاڭ قۇمقاناس يېزىسىدا ساياھەتچىلەر «قارغا سەكرەش» ئويۇنىنى ئوينىماقتا. (2018-يىل 11-ئاينىڭ 29-كۈنى)

  شىنجاڭ ئالتاي تېغى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلماقتا. (2018-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى)

 جاۋ گې، خۇ خۇخۇ، دىڭ لېي فوتوسى

  ئەسلى خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى