شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى مەدەنىيەت سارىيىغا جايلاشقان خىزمەت ئىشخانىسىدا، رەناگۈل سوپى ئالىي زاكازلىق مودا كىيىمنى كەشتىلىمەكتە (3-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يەرلىك پۇراققا ئىگە كەشتە بۇيۇمى ئالىي زاكازلىق «گۈل ئېچىلدى» ناملىق مودا كىيىمگە ئىشلىتىلىپ، پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە نامايان بولدى، يېزا ئايالى رەناگۈل سوپى بۇنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، 2016-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن مودا كىيىم ھەپتىلىكى رەناگۈلنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى. رەناگۈل شىنجاڭ قومۇلدىكى بىر كەشتىچىلىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاپىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا رەڭگى چىرايلىق كەشتە بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرەتتى. 2014-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، رەناگۈل كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى يېزا ئاياللىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە كۆپ قېتىم شۇ جاي تەشكىللىگەن ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ شاڭخەي، سۇجوۋغا بېرىپ كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى. 2016-يىلى، شاڭخەي كىيىم-كېچەك ماركىسى MOODBOX نىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە لايىھە باش نازارەتچىسى چىن شۈ قومۇلغا كېلىپ ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا، رەناگۈل ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نەپىس كەشتىچىلىك ھۈنىرى ئۇنى جەلپ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن چىن شۈ قومۇل كەشتىسى سىڭدۈرۈلگەن بىر يۈرۈش مودا كىيىملەرنى لايىھەلىدى. نەپس ئىشلەنگەن مودا كىيىم ئەسىرى «گۈل ئېچىلدى» پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە كۆرگەزمە قىلىنغاندا، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، رەناگۈلنىڭ زاكازلىرى ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن كارخانىلار ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇ ھەر يىلى يەنە ئون نەچچە قۇر ئالىي زاكازلىق مودا كىيىمنى كەشتىلەپ، كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئۇ قېتىرقىنىپ كەشتىلىگەندىن سىرت، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بولسا باشقا جايلارغا بېرىپ ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلدى. رەناگۈل مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم كەشتە يىڭنىسىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا، تولىمۇ خۇشال بولىمەن، ۋە بۇ جەرياندىن ھۇزۇر ئالىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى ئېلېمېنتلارنى ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىككە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قومۇل كەشتىچىلىكىنى چۈشەندۈرىمەن ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتۈرىمەن.