ماتېرىيال سۈرەت
مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ كېمىڭ خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 12دە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ئېقىم كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدىن 19-كۈنى كېچىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا ℃8~℃12 تۆۋەنلەپ، جۇدۇنلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5-~℃10- قا تۆۋەنلەيدىكەن، ئالتاي ۋىلايىتىدە كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃14-~℃18- قا تۆۋەنلەيدىكەن، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15- ئەتراپىدا بولىدىكەن.