تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

كىلىماتتىكى «كۈنلۈك ئېففىكتى» ھەققىدە قانچىلىك بىلىسىز؟

  يەر شارى يۈزىنى قاپلاپ تۇرغان قېلىن بىر قەۋەت ئاتموسفېرا، يەر شارىنىڭ «چاپىنى» بولۇپ، ھەر ۋاقىت يەر شارىنىڭ «بەدەن تېمپېراتۇرىسى»نى ساقلاپ تۇرىدۇ. لېكىن سانائەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن كىلىماتتا تۈرلۈك ئېففىكتلار پەيدا بولدى. «كۈنلۈك ئېففىكتى»نى ئېلىپ ئېيتساق، بەلكى نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئىسىم ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ تۇرمۇشىمىزدىن يىراق ئەمەس.

  ئۇنداقتا «كۈنلۈك ئېففىكتى» دېگەن زادى نېمە؟ ئۇ قانداق پەيدا بولغان؟ ئاتموسفېرادىكى چاڭ- توزان قاتارلىق ماددىلار زور مىقداردا كۆپەيسە، ئاتموسفېرادىكى ئائېروزول ماددىلىرى كۆپىيىپ، ئاتموسفېرانىڭ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش، چېچىش ۋە سۈمۈرۈش رولى كۈچىيىپ، قۇياش رادىئاتسىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، خۇددى بىر كۈنلۈككە ئوخشاش قۇياشنى توسۇپ، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇ خىل تەسىر «كۈنلۈك ئېففىكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. چاڭ- توزان ھەم كىلىماتنىڭ مەھسۇلى، ھەم كىلىماتنى كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئالىملار ھاۋادىكى دىئامېتىرى 1~100 مىكرومېتىر بولغان قاتتىق، سۇيۇق ھالەتتىكى مىكرو دانىچىلارنى ئائېروزول دەپ ئاتايدۇ، چاڭ- توزانلىق ئائېروزول چاڭ- توزاننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، «كۈنلۈك ئېففىكتى» ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق يەر شارى مۇھىتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن سىرت، چاڭ- توزان يەنە نەملىك سۈمۈرۈشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئەتراپىدىكى سۇ پارىنى سۈمۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق تۇمان پەيدا بولۇشى ۋە كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تۇمان پەيدا بولغاندىن كېيىن يەنە يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان قۇياش رادىئاتسىيەسىنى توسۇپ ۋە ئۇنى ئازايتىپ، شۇ ئارقىلىق يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

  ئىس- تۈتەك زەررىچىلىرىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك «كۈنلۈك ئېففىكتى» تەسىرىگە ئىگە. مۇناسىۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشىنى باھالاش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىنسانلار پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ھاسىل بولغان ئىس- تۈتەك زەررىچىلىرى پەيدا قىلغان «كۈنلۈك ئېففىكتى»نىڭ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش قىممىتى پۈتكۈل يەر شارى ئاتموسفېراسى پارنىك ئېففېكتىنىڭ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىش قىممىتىنىڭ %20ىگە باراۋەر ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئىس- تۈتەك زەررىچىلىرىنىڭ «كۈنلۈك ئېففىكتى» تەسىرى بولمىسا، ئىنسانلار پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  «كۈنلۈك ئېففىكتى» بىر تەرەپتىن بەلگىلىك بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرگە ئىگە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل ھادىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بەلگىلىك ياردەم ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى