تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر گوۋ شۆمېي، ئەخمەت روزى): 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى چۇمباق بازىرى ئاقيەر كەنتى ئاھالىسى راھىلەم توختى ھەقسىز تارقىتىلغان 80 چۈجىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن خۇشاللىقىدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا چۈجە ئەكىلىپ بەرگىنىگە، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتكىنىگە كۆپ رەھمەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا بولدى.
بۈگۈر ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ چۇمباق بازىرى ئاقيەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرنى يوقلاش جەريانىدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھويلا-ئاراندا توخۇ بېقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن قولىدا چۈجە سېتىۋالغۇدەك نەق پۇل يوقلىقىنى بىلدى. خىزمەت ئەترىتى بۈگۈر ناھىيەلىك ئەيبىر چارۋىچىلىق دېھقانلار ھەمكارلىق كوپېراتىپى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، 3000 چۈجە سېتىۋېلىپ، 40دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىگە ھەقسىز تارقىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلەپ، ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
خىزمەت ئەترىتى ھەربىر ئائىلىگە 50دىن ئارتۇق چۈجە تارقىتىپ بەردى، بېقىش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەربىر كەنت ئاھالىسى 1500 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدۇ.
بۇ كەنت يەنە باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مۇتەخەسسىس ۋە باقمىچىلىق ماھىرلىرىنى نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىغا باقمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈردى.