تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى يىغىندىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 3- ئاينىڭ 16- كۈنى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرى تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى، كەسكىن ۋەزىپىنى ئادا قىلىش روھى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال چارە - تەدبىر كۆرسەتتى، يىغىنغا بىر تەكلىپ، 30 تەۋسىيە تاپشۇرۇپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۆھپە قوشتى.

  «بۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كاتتا يىغىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە كۈچىنى ئۇرغۇتتى.» ۋەكىل مۇسا مەمەت مۇنداق دېدى: «بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمىتىمىزدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز».

  «بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، مۇشۇنداق پەيتتە يىغىنغا قاتناشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلەندۇق، تولىمۇ ئىلھاملاندۇق، بىز كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇق.» ۋەكىل يوۋ لياڭيىڭ مۇنداق دېدى: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن باشلامچىلىق بىلەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن؛ باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپىغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەيمەن».

  ۋەكىل قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئىسلاھات روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان جاسارەت بىلەن خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلەپ، يىغىن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز».

  ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى