تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرستچېرچتىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە باش ۋالىيسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 15- كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرستچېرچ شەھىرىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە باش ۋالىيسى رېددىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ كرستچېرچ شەھىرىدە ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردېرنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.