تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەدەمنى تېخىمۇ پۇختا ئالىمىز

يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەدەمنى تېخىمۇ پۇختا ئالىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، سۈي يۈنيەن، ياۋ تۇڭ

  3- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى بېيجىڭ قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. تيەنئەنمېن مەيدانى باھار نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، خەلق سارىيىنىڭ ئالدىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى بۇ يەردە داغدۇغىلىق يېپىلدى.

  «ئون كۈن ئىلگىرى، بىز تولۇپ تاشقان خۇشاللىق ۋە ئۈمىد بىلەن بۇ يەرگە كەلگەنىدۇق؛ بۈگۈن بىزنىڭ نىشانىمىز تېخىمۇ ئېنىق بولدى، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىدى.» پەلەمپەيدىن چىقىپ يىغىن مەيدانىغا كىرگەن ۋەكىل ئادالەت ئەزىز ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ، مۇشۇنداق مۇھىم پەيتكە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن».

  سائەت 9 دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. كوللېكتىپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن قارار، بېكىتمىلەر ماقۇللاندى، يىغىن تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يىغىن نەتىجىسى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسىنىڭ بىردەكلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى.

  مەسئۇلىيەت بىلەن بۇرچ خاتىرىلەنگەن، ئۈمىد بىلەن ئارزۇ چاقناپ تۇرغان بۇ كۈنلەر ئەستىن چىقمايدۇ.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئەستايىدىل قاراپ چىقتى؛ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي چارە، ئەسقاتىدىغان تەدبىر كۆرسەتتى.

  خاس باغ - ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇرلاپ قاتنىشىشىنى قوللاش، ئۈرۈمچىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش... ھەربىر پارچە تەكلىپنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئايىغى چاققان بولۇش بىلەن زېھنى ئۆتكۈر بولۇش جەھەتتە ئورتاق كۈچ چىقىرىلغان بىر بۆلەك مۇساپە، ھەممىسى بىر قېتىملىق پارتىيە قەلبى، ئەل قەلبىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە مۇجەسسەملىنىشى، ئۇچرىشىشى ئىدى.

  «يىغىنغا قاتناشقاندا بىر خىل <ئولتۇرالماسلىق، ساقلاپ تۇرماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلماسلىق>تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولدۇم.» ۋەكىل سۈن چۈنۋاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئىسلاھات روھى، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېلىشىش غەيرىتى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، يىغىندا تۈزۈلگەن ئۇلۇغ پىلاننى ھەرىكىتىمدە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  يېڭى تارىخىي پەللىدە كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قەدەم تىۋىشى ئەڭ جاراڭلىق بولىدۇ. خەلق سارىيىدىن چىققاندا، ۋەكىللەرنىڭ روھى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ، كۈرەش ئىرادىسى ئۈستۈن ئىدى.

  «قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا يىغىن روھىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.» ۋەكىل دىلشات قىدىرقان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىرلا غەيرەت قىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى زىچ چۆرىدەپ، بوشاشماي، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  «يىغىنغا قاتنىشىپ ناھايىتى ئىلھاملاندۇق، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى. غەربىي شىمال نېفىتلىكى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، نېفىتلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ» دېدى ۋەكىل ليۇ باۋزېڭ ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا.

  بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇشتا، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. «مەسئۇلىيەت تاغدەك ئېغىر، ھەرىكەت سۆزدىن ئەۋزەل. بىز بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى زىچ چۆرىدەپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، كۆپرەك نەتىجە يارىتىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى ۋەكىل جارقىن ئاقات.

  «ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بىر مەيدان يېڭى ئۇزۇن سەپەر. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، قىلچىمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.» ۋەكىل قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بىز ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىراقتىن داۋالاش - دىياگنوز قويۇش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك».

  ۋەكىل رىيزا باغدۆۋلېت زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن، مەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆز ئىش ئورنۇمدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا بەخت يارىتىمەن».

  يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قەدەمنى تېخىمۇ پۇختا ئالىمىز. كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ بۇ يېڭى دەۋردە، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يىغىندا ياڭرىغان كۈرەش ساداسى، بارلىققا كەلگەن قاينام - تاشقىنلىق ۋەزىيەت خۇددى دۇمباق چېلىپ، سەپەرگە ئالدىراتقاندەك، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئېلىشىدىغان قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە يېپيېڭى ئىستىقبالغا قاراپ ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى